
تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان رادىكال گېزىتىدە 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن تارتىپ "شەرقتىن يۈكسەلگەن خىتاي" ماۋزۇلۇق چاتما ماقالە ئېلان قىلىنماقتا. بۇ ماقالىنىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىدا خىتاينىڭ ئەڭ نامرات رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونى ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىنى رادىكال گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ئۇگۇر گۇرسەس ئەپەندى يازغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن يەنە بىر قانچە ژورنالىستلار بىلەن بىرلىكتە خىتايغا بېرىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەن، ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە تۇرپان قاتارلىق يەرلەرنى زىيارەت قىلغان .
"ئىنساننى تەسىرلەندۈرىدىغان پامىر تېغى بىلەن تەسلىم بولغاندەك كۆرۈنگەن نامرات كىشىلەر"
بۇ زىيارەتكە قاتناشقان رادىكال گېزىتى ئوبزورچىسى ئۇگۇر گۇرسەس قەشقەر تەسىراتلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ماقالىسىنى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان رەسىملەر بىلەن بېزىگەن بولۇپ، كىچىك دۇكىنىدا مال سېتىۋاتقان ئۇيغۇر قىزىنىڭ رەسىمىنىڭ يېنىغا مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىگە قارايدىغان مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ رەسىمىگە يەر بەرگەن. رەسىمنىڭ ئاستىغا: "قەشقەر شەھىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرى ياخشى قوغدالمىغان بولۇپ، مازار بەكلا ۋەيران، بۇ يەرگە قارايدىغان مۇھەممەد ئەپەندى مەقبەرىنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى مازارغا كەلگەن زىيارەتچىلەر بەرگەن ياردەملەردىن ئۆتەۋاتقانلىقىنى، دۆلەتنىڭ بىر تىيىنمۇ ياردىمى يوقلۇقىنى ئېيتتى" دەپ يازغان.
ماقالىنىڭ دەل ئوتتۇرىغا كونا بىر دەرۋازىنىڭ ئالدىدا غەمكىن بىر ھالدا تاغارنى يېنىغا قويۇپ ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر ئاقساقالنىڭ رەسىمىگە يەر بېرىلگەن. بۇ رەسىمنىڭ يېنىغا مەھمۇت قەشقىرى مازارلىقىدىكى بىر قەبرىنىڭ رەسىمى بېرىلگەن بولۇپ، رەسىمنىڭ ئاستىغا: "تۈركىي تىللار دىۋانى ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنىڭ ھويلىسىدىن قارايدىغان بولسىڭىز، ئىنساننى تەسىرلەندۈرىدىغان پامىر تېغى بىلەن تەسلىم بولغاندەك كۆرۈنگەن نامرات كىشىلەرنى كۆرىسىز،" دەپ يېزىلغان.
خىتاينىڭ ئەڭ نامرات رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونى ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ يازغۇچىسى ئۇگۇر گۇرسەس ئەپەندى ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ: "خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتى خىتايدىكىدىن بەكلا تۆۋەن ئىكەن. خىتايدا 55 ئاز سانلىق مىللەت بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغانلىرىدىن بىرى ئۇيغۇرلار. 1955-يىلى ئاپتونومىيە ھوقوقى بېرىلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 20 مىليون كىشى ياشايدۇ. بۇ يەردە ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە بولغىنى ئۇيغۇرلار. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىللىي دارامەت جەھەتتىن ئەڭ تۆۋەن نامرات رايوندەك قىلىدۇ. خىتاينىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شاڭخەيدە ھەر نوپۇسقا تېگىدىغان ئايلىق دارامەت 700 2 دوللار ئىكەن، شاڭخەينىڭ چەت رايونلىرىدا 1240 دوللار ئەتراپىدا ئىكەن . ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ ئايلىق دارامىتى شاڭخەينىڭ سىرتىدىكى يېزىلاردىكى كىشىلەرنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن ئىكەن."
"ئۇيغۇر كادىرلار خىتاي كادىرلارنىڭ يېنىدا بىز بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشتىن قورققاچقا..."
ئۇ ماقالىنىڭ 2- قىسمىدا قەشقەردىكى تەسىراتىنى يىپەك يولى تۈگىنى قەشقەر ماۋزۇلۇق قىسمىدا ئاڭلاتقان بولۇپ، بۇ بۆلۈمدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، خىتاينىڭ ئەڭ غەربىدىكى قەشقەر شەھىرىگە باردۇق. يىپەك يولىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈگۈنلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەردە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرى، قۇتاتقۇبىلىك ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مازارلىرى بار. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرى ياخشى قوغدالمىغان بولۇپ، ۋەيران بىر ھالدا زىيارەتچىلەرنى كۈتىۋالماقتا . يۇسۇف خاس ھاجىپنىڭ مازىرى شەھەر ئىچىدە بولغاچقىمۇ، ياخشى قوغدالغان."
"ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىجارەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن قەشقەردە بازار ئايلاندۇق. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر بازار، نېمە ئىزدىسىڭىز تېپىلىدۇ. بازاردىكى ھەممە كىشىلەر بىلەن تۈركچە سۆزلەشتۇق، بىر - بىرىمىزنىڭ گېپىنى چۈشەندۇق. بۇنىڭدىن بىزنى بازار ئايلاندۇرىۋاتقان خىتاي رەھبەرلەرمۇ ھەيران قالدى. ئۇيغۇر كادىرلار خىتاي كادىرلارنىڭ يېنىدا بىز بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشتىن قورققاچقا داۋاملىق خىتايچە گەپ قىلدى. قەشقەر ۋالىسى بىزنىڭ گېپىمىزنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، بىزگە ئۇيغۇرچە گەپ قىلماي خىتايچە گەپ قىلدى."
"ئۇلكەر ئالپېللا ئەكەلدىڭمۇ؟"
ئوبزورچى ئۇگۇر گۇرسەن ئەپەندى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى بىر ۋەقەنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:"قەشقەر شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلىپ قايتىۋاتساق يولنىڭ بويىدىكى كانايلاردا شاكىلات قىز ناملىق ئېلان سەنئەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق. بۇ تۈركىيىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈلكەر شىركىتىنىڭ ئالپېللا ماركىلىق شاكلاتىنىڭ رېكلامى ئىدى. ئۇيغۇر رايونىنىڭ شەرقىدىكى تۇرپاننى ئايلىنىپ يۈرسەك ئۇيغۇر بالىلار ئالدىمىزغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇلكەر ئالپېللا ئەكەلدىڭمۇ؟ دەپ سورىدى."
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى داۋاملىق ھالدا تۈرك ژورنالىستلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قەشقەرنى ئايلاندۇرماقتا. بۇ ژورنالىستلارنىڭ كۆپى ماقالىلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامراتلىقنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى يازماقتا. ھەتتا گېزىتلەردە نامرات ئۇيغۇرلارنىڭ كوچىلاردا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان رەسىملىرىنىمۇ ئېلان قىلماقتا. ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان ژورنالىستلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بەخت - سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى يېزىۋاتقانلارمۇ بار. (ئەركىن تارىم)