تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى


2008.01.02

turksaw-bashliqi-yahya.jpg
تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەخپى باشلىقى شائىر يەھيا ئاقەنگىن ئەپەندى. RFA Photo / Erkin Tarim

تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەخپى يەنى تۈركساۋنىڭ 2007- يىلىدا تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقانلارغا تارقىتىدىغان "تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتىغا" ئېرىشكەنلەر ئېلان قىلىندى.

12 يىلدىن بېرى بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىپ كەلگەن تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەخپى باشلىقى شائىر يەھيا ئاقەنگىن ئەپەندى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ مۇكاپاتنىڭ 12 يىلدىن بېرى داۋاملىق ھالدا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، شەخس ۋە ئىدارە جەمئىيەتلەرگە بېرىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 6 دۆلەتتىن 12 كىشى ۋە ئىدارە جەمىيەتكە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى، بۇرۇنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىمۇ بۇ مۇكاپاتنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە باياناتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە توختۇلۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دېيىشى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بىز بۇ مۇكاپاتنى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەخپى باشلىقى شائىر يەھيا ئاقەنگىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم: سىز بۈگۈن تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشى ۋە ئىدارە جەمئىيەتلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلدىڭىز، بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت نېمە ئىدى؟

يەھيا ئاقەنگىن: بۇ مۇكاپات ۋەخپىمىز تەرىپىدىن 12 يىلدىن بېرى تارقىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مۇكاپات تۈرك دۇنياسىغا ئۆز ساھەسىدە تۆھپە قوشقان، تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا ئەسەر يازغان كىشى ۋە ئىدارە جەمئىيەتلەرگە تارقىتىلىپ كەلمەكتە. بىز تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈيۈك بىر مەدەنىيەت دۇنياسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئۇنىڭ ئۈچۈن بىز نۇقتىلىق ھالدا مەدەنىيەت ساھەسىدە تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مۇكاپات بېرىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسىدىمىز كىشىلەرنى تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۈندەشتىن ئىبارەت.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك يەھيا ئاقەنگىن ئەپەندى، بۇ يىل بۇ مۇكاپاتقا كىملەرنى مۇۋاپىق كۆردۈڭلار؟

يەھيا ئاقەنگىن: بۇ يىل 6 دۆلەتتىن 12 كىشى ۋە ئىدارە جەمىيەتكە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. بۇلار، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى، شائىر يازغۇچى سابىر رۇستەمخانلى، قازاقىستان چىمكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. مومبەك قوزىباكوۋ، ماكېدونىيە تۈرك جەمئىيىتى، رومانىيە تۈركىيە كارخانىچىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى تامەر ئاتالاي، تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزيە ئىدارىسى، كانال ئا تېلېۋىزىيىسىدە تارقىتىلغان` چېگرانىڭ ئۇ ياقىسى` ناملىق پروگرام، تەتقىقاتچى يازغۇچى ئايتۇنچ ئالتىندال.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك يەھيا ئاقەنگىن ئەپەندى سىز بۇ مۇكاپاتنى بېرىشتىكى مەقسەت كىشىلەرنى تۈرك دۇنياسىى مەدەنىيىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئۈندەش دېدىڭىز، 12 يىلدىن بۇيان بۇ ھەقتە قانداق ئىلگىرىلەشلەر بولدى؟

يەھيا ئاقەنگىن: تۈرك دۇنياسى كارۋىنى بىز ئارزۇ قىلغاندەك راۋان ماڭمايۋاتىدۇ. نۇرغۇن توسالغۇلار، قېيىنچىلىقلار بار. ئەمما بۇ كارۋان يولىغا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇ كارۋاننىڭ بىز ئارزۇ قىلغان غايىسىگە يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. چۈنكى تۈرك دۇنياسىنىڭ كېلەچىكى پارلاق، باي يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلارغا ئىگە. تۈرك دۇنياسىغا قىزىقىدىغان، تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. كېيىنكى 12 يىل ئىچىدە تۈركىيەدە بولسۇن، ياكى تۈرك دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن تۈرك دۇنياسى ھەققىدە نۇرغۇن ئەسەرلەر نەشىر قىلىندى.

ئەركىن تارىم: ۋەخپىڭىز مۇكاپاتقا مۇۋاپىق كۆرگەن كىشىلەرگە قارايدىغان بولساق، كۆپى مەدەنىي مائارىپ ساھەسىدە تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، بۇنىڭدىكى سەۋەپ نېمە؟

يەھيا ئاقەنگىن: تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك كۈچى ئۇنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئەدەبىياتىدۇر. شۇڭا بىزنى بىر-بىرىمىزگە باغلاپ تۇرغان باغمۇ بۇنىڭدىن ئىبارەت. تۈرك دۇنياسى باي ئەدەبىيات ۋە سەنئەتكە ئىگە. شۇڭا بىزنىڭ بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسىدىمىز، تۈرك دۇنياسىدىكى بۇ باي مەدەنىيەتنى يېڭى دەۋىرگە ئېلىپ كېلىش، شۇنداقلا قەدىمقى ئەدەبىيات سەنئىتىمىزگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت. تۈرك دۇنياسىدىكى زىيالىيلار بۇنى ياخشى بىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تۈركىي دۆلەتلەرنى باشقۇرۇۋاتقان دۆلەت رەھبەرلىرى ياخشى بىلمەيدۇ. بىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بىر دۆلەت سىياسىتى بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز. قايسى پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلسە كەلسۇن، تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك. بولۇپمۇ مەدەنىي مائارىپ ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىش پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ئۇلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك يەھيا ئاقەنگىن ئەپەندى يېقىندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل رەئىس جۇمھۇرى سارىيىدا ئەدەبىياتچىلار بىلەن سەنئەتچىلەرگە زىياپەت بېرىپ، ئۇلار بىلەن تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە زىيارەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

يەھيا ئاقەنگىن: مەن بۇنىڭغا مۇنداق قارايمەن. مەيلى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا بولغان قىزىقىشى بولسۇن، مەيلى باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ تۈرك دۇنياسى سىياسىتى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتقان ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىش سىياسىتىنىڭ خاتا بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن. تۈركىيە بىرىنچى بولۇپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى شەرت.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك يەھيا ئاقەنگىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار تۈرك دۇنياسى مەدەنىيىتىگە بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت، بۈگۈن پەقەتلا ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ ئەسەر يازغانلىقى ئۈچۈن خىتاي تۇرمىسىدا يېتىۋاتقان نۇرمۇھەممەت ياسىنغا ئوخشاش كۆپ ساندا كىشىلەر بار، بۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر پائالىيىتىڭلار بارمۇ؟

يەھيا ئاقەنگىن: يېقىندىن بېرى تۈرك رەھبەرلىرىدە تۈرك دۇنياسىغا قىزىقىش بار، ئەمما شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى يېتەرسىز. يەنى تۈرك ھۆكۈمىتى بەزى دۆلەتلەردىن ئېھتىيات قىلغاچقا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. مەنچە بۇ خىل ئېھتىيات قىلىش يەرسىز. ئەگەر تۈركىيە دۆلىتى بىۋاستە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلەلمىسە، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشى كېرەك. بىز بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مۇكاپات بەردۇق. مەنچە خىتاينىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالارمۇ دەپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن قېچىپ بىر يەرگە بارغىلى بولمايدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دېيىشى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىشى كېرەك. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.