تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇراسىمغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
مۇخبىرىمىز ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2008.11.05
2008.11.05
ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻰ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﺪﻭﻏﺪﯗ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan
بۇ يىلقى تەقدىرلەش مۇكاپاتىنى پۈتۈن ھاياتى بويىچە تۈرك دۇنياسى ھەققىدە ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان 80 ياشلىق پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈرك دۇغدۇ ئەپەندىگە تەقدىم قىلدى.
مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ يىغىن زالىدا، پۈتۈن ھاياتى بويىچە تۈرك دۇنياسى ھەققىدە ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈركدوغدۇ ئەپەندىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا "پۈتۈن ھاياتى بويىچە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن پروفېسسور دوكتۇر ئورخان تۈركدوغدۇ ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش كۈنى" دەپ نام بېرىلگەن.
2008 - يىلى، 1 - نويابىر شەنبە كۈنى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈركدوغدۇ ئەپەندىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيەت ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
مۇراسىمىغا ئىستانبۇل شەھرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى مۇرات كوجاباش ئەپەندى، تۈرك دۇنياسى ئەدەبىياتى فوندىنىڭ باشلىقى سەرۋەت قاپاقلى، تۈرك ئۇجاقلىرى ۋەخپىنىڭ باشلىقى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇتخان كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئەھمەت تۈركوز قاتارلىق شەخسلەر قاتناشقاندىن سىرت، ئايدىنلار جەمئىيىتى، بۇرسا جەمئىيىتى قاتارلىق 25 تىن ئارتۇق، جەمئىيەت، ئورگان ۋە ئاممىۋى تەشكىلات باشلىقلىرى ياكى ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمدا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغاندىن كېيىن، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ باشلىقى پروفېسسور دوكتور تۇران يازغان ئەپەندى، پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈركدوغدۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەسەرلىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرك جەمئىيەتشۇناسلىقىدىكى ئورنى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. كېيىن پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈركدوغدۇ ئەپەندى سۆز قىلىپ تۈركىيىنىڭ كەچمىشى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە توختالدى.
پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈركدوغدۇ ئەپەندىنىڭ "سالىھلىقتا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش" قاتارلىق 32 پارچىدىن ئارتۇق كىتابلىرى بولۇپ، بەزى كىتابلىرى تۈركىيىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلمەكتە ئىكەن. پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈركدوغدۇ ئەپەندى ئۇيغۇر ۋە قازاقلار ھەققىدىمۇ ئىلمى ماقالىلار يازغان ۋە تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان.
مۇراسىم ئاخىرىدا، فوند، جەمئىيەت، ئاممىۋى تەشكىلات ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈركدوغدۇ ئەپەندىگە تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن ئالاھىدە خىزمەتلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈپ، شەرەپ تاختىسى ۋە قىممەتلىك ماددىي بۇيۇملار تەقدىم قىلدى. مۇراسىمدا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈركدوغدۇ ئەپەندىگە شەرەپ ئالتۇن مېدال تەقدىم قىلدى. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش كاتىپى ھامۇتخان كۆكتۈرك، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئەخمەت تۈركوز قاتارلىق شەخسلەرمۇ پروفېسسور دوكتور ئورخان تۈركدوغدۇ ئەپەندىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ شەرقىي تۈركىستان شەرەپ تاختىسى تەقدىم قىلدى.
بىز مۇراسىم ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئەخمەت تۈركوز ئەپەندى بىلەن بۇ مۇراسىم ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.









