تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
2006.08.28

تۈركىيىنىڭ كاستامونۇ ۋىلايىتىدە تۈرك دۇنياسى كۈنلىرى مەدەنىيەت سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. 3 كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتكە تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن مېھمانلار كەلدى. يىغىنغا قىرىم تاتار مىللى مەجلىس باشلىقى ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئابدۇجېمىل قىرىمئوغلۇ، كاستامونۇ ۋالىسى مۇستافا كارا، پارلامېنت ئەزاسى مەخمەت يىلدىرىم، مەخمەت سەردارئوغلۇ قاتارلىقلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى قاتناشتى. تۈرك دۇنياسى كۈنلىرى مەدەنىيەت سەنئەت پائالىيىتىنىڭ كۇن تەرتىپى ئىچىدە يەنە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ماۋزۇلۇق بىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىمۇ بار ئىدى. يىغىنغا پروفېسسور، دوكتور تۇران يازغان، پروفېسسور، دوكتور ئاخمەت تاساگىل، كەمال چاپراز قاتارلىق بىلىم ئادەملىرى قاتناشتى. ئۇلار يىغىندا تۈرك دۇنياسى ھازىر دۇچار بولىۋاتقان مەسىلىلەر، تۈرك دۇنياسىنىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالدى. بۇ پائالىيەتكە مەسئۇل شەھەر باشلىقى مەمەت سايىم سايان ئەپەندى بىزگە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
تۈرك دۇنياسى كۈنلىرى پائالىيىتىمىزنى 10 يىلدىن بەرى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ يىل 10-قەتىملىقىنى ئېلىپ باردۇق. پائالىيىتىمىز يىلدىن يىلغا زورىيىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ يىلقى پائالىيىتىمىزمۇ ئىنتايىن كۆركەم بولدى. بوسنىيىدىن سىبىرىيەگىچە، كەركۇكتىن قىرىمغىچە بولغان جۇغراپىيىدىن كەلگەن ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن بولۇپ 150 كە يىقىن ۋەكىل قاتناشتى. قىرىم مەجلىس باشلىقى مۇستافا جەمىلئوغلۇمۇ پائالىيىتىمىزگە قاتناشتى ۋە سوز قىلدى.
بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئومۇمى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆز قىلغان تۇران يازغان ئەپەندى بىلەن ئۇنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىنى چۆرىدىگەن ھالدا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. تۇران يازغان ئەپەندى بىزنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر نېمە، دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
مەن يىغىندىمۇ ئۇنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويدۇم. تۈركىيە بىلەن تۈرك دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھىسسىياتقا تايىنىشتىن قۇتۇلالمىدى. ھىسسىياتقا تايىنىپ باشلاندى، داۋام قىلدى، ھەم يەنە شۇ ھىسسىياتقا تايىنىپ تۈگەش نوقتىسىغا كېلىپ قالدى. ئەقىلگە تايىنىپ تۇرۇپ قىلغان ھېچبىر ئىشىمىز بولمىدى، دەپ ئويلايمەن،. بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم. مەسىلەن، ئۇ يەرلەردە ئۇنىۋېرسىتېت قۇردۇق. ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئېھتىياجى يوق ئىدى. 352 ئۇنىۋېرسىتېتى بار بولغان قازاقىستاندەك بىر دۆلەتكە ئۇنىۋېرستېت قۇرۇش مەنتىقلىق بىر ئىش ئەمەس، 12 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بولغان تۈركىستان شەھىرىگە يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتنى قۇرۇپ، قازاقچە ۋە رۇسچە تىلدا بىلىم بەردۇق. بۇ نىمە دېگەن كۈلكىلىك ئىش. ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىمۇ قۇردۇق، بۇلاردىمۇ ئىنگلىزچە بىلەن دەرس بېرىلىۋاتىدۇ. بۇلار ھەممىسى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندىن بەرى ئېلىپ بارغان سىياسەتلىرىمىز ۋە چاقىرغان قۇرۇلتايلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ھىسسىياتقا تايىنىپ بولدى. بىزنىڭ بىردىن بىر مەنتىقلىق قىلغان ئىش پىلانىمىز باكۇ-تىفلىس-جەيھان نېفىت تۇرۇبىسى بولدى.
تۇران يازغان ئەپەندى 10 مىڭ يىللىق تۇپرىقى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى يۇتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
ئۇ يەردىمۇ ھېق ئەقىل بىلەن ئىش ئېلىپ بارالمىدۇق. كۆزىمىزنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ بىزنىڭ 10 مىڭ يىللىق تۇپراقلىرىمىزنى ئىشغال قىلىشقا داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز تۈركىيە تىجارى مەنپەئەتلىرىمىزنى دەپلا خىتاينىڭ ئىشغالىغا كۆز يۇمىۋاتىمىز. خىتاي بىلەن 500 مىليون دوللارلىق ئىش پىلانىمىز بار ئىدى. ھازىر 300 مىليونغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ئىكەن. شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسنىڭ خىتايلاشتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىمۇ ئەسلىدە تۈركىيە دۇنيا كۇن تەرتىپگە ئېكىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بىز ئۇنى قىلالمىدۇق. بۇ تارىخى مەسئۇلىيەتكە بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ھۆكۈمەتلەر جاۋاپكاردۇر.
تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى تېرىسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا سوز قىلغان ئوبزورچى كەمال چاپراز ئەپەندى زىيارىتىمىزدە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
مەنچە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى ھېلىھەم مۇستەقىللىقىگە ئېرىشەلمىگەن تۈركىي مىللەتلەردۇر. تۈركىيە جامائەتچىلىكىدە شۇنداق بىر خاتا چۈشەنچە بار. ئوتتۇرا ئاسىيادا 7 تۈرك دۆلىتى قۇرۇلدى، پۇتۇن مەسىلىلەر ھەل بولدى، دېگەندەك. بۇ خاتا بىر كۆز قاراش. ھالبۇكى، بۈگۈن تۈرك دۇنياسىدا تېخىچە مۇستەقىللىقىگە ئېرىشەلمىگەن زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر بار. بۇ يىغىنلاردا ئۆز تۇپراقلىرىدا ئاز سانلىق مىللەت ھالىغا چۈشۈرۈلۈپ قويۇلغان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى، بۇلارنىڭ ئىقتىساد، مائارىپ ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھەل قىلىش يوللىرى ئىزدەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي كاۋكازىيە سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە خەلقئارا مۇسۇلمان خەلقلىرى بىرلىكى قۇرۇلتىيى ئېچىلدى
- ئىزمىردە "شەرقىي تۇركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنيا ۋە تۈركىيە سىياسىتىدىكى ئورنى" تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە بىر كۈندە ئۈچ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
- غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يىغىن مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى زالىدا ئېچىلدى
- تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر بىرلىك قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟