دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى
2007.12.10

2007 - يىلى 10 - دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھرىدە خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دېموكراتىيىگە بولغان تەسىرى ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. تۈركىيىنىڭ كارخانىچىلار ئۇيۇشمىلىرى بىرلىكىنىڭ زالىدا ئۆتكۇزۇلگەن بۇ يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ئۇكرائىنىيە، گىرىتسىيە، بۇلغارىيە، ئافغانىستان قاتارلىق 17 دۆلەتتىن كەلگەن ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى.
12- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە داۋام قىلغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى قىرغىزىستان ۋەكىلى، قىرغىزىستان دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى جەمىيىتىنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى قاتناشتى. ئۇ يىغىندا تېررورىزم ۋە دېموكراتىيە تېمىسىدا سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار دۇچار بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئۈستىدە توختالدى.

بۇ يىغىننى تۇرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا يەنە ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزالىرى، بۇلغارىيىدىكى تۇرك پارتىيىسىدىن سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى، تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سوز قىلدى.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۇچۇن يىغىن زالىدا تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە خانىم "بىرلا ئىنقىلاب - ياۋروپا ئۈچۈن زوراۋانسىز لايىھە - لىبېراللىق " يىغىنىغا قاتناشتى (1)
- 16 - قېتىملىق چېگرىسىز مۇخبىرلار مۇكاپاتى پارىژدا تارقىتىلدى
- تۈركىيىنىڭ رادىكال گېزىتى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- قەيسەرى ۋالىسىنىڭ خوشلىشىش زىياپىتىگە د ئۇ ق مەسئۇللىرى قاتناشتى
- خىتاي زىيالىيلار " ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش" تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرۇلۇق ئوچۇق خەت يازدى
- د ئۇ ق، تۈركىيىنىڭ ئۇلۇسال تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە رەددىيە بىلدۈردى
- خېفېي توپچى قىسىملار ئىنىستىتوتىدا يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ نىشانى ساختا ئۇنۋانغا قارشى تۇرۇش
- ئەزەربەيجان مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرلار
- بىڭتۈەن - ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى مۇستەقىل ئىمپېرىيە (1)
- ئەنقەرەدە تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى