تۈركىيىدە تۈرك دۇنياسى ژورنالىستلار مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2007.07.19
دۇنيادىكى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆز - ئارا تونۇشۇشى ۋە ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتى بىلەن ھەريىلى تۈركىيىنىڭ يالوۋا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ 10-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلدى. 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە داۋام قىلغان بۇ مەدەنىيەت بايرىمى رامكىسى ئىچىدە تۈرك دۇنياسى ژورنالىستلار مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ مۇھاكىمىگە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىي مىللەت ژورنالىستلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈرك دۇنياسىدا خەۋەرلىشىش ۋە ئۇچۇر - ئالاقە، تۈرك دۇنياسىدا مائارىپ ۋە تىل، تۈرك دۇنياسىدا ئېنېرگىيە ۋە كەركۈك، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر - بىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمۈتلىرى قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنغان. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىن نەتىجىسىدە تۈرك دۇنياسى ژورنالىستلىرى كونفېرېنسىيىنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈشىگە قارار قىلىنغان ۋە تۈرك دۇنياسى ژورنالىستلىرى بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرىدا مەتبۇئات باياننامىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ باياننامىدە تۈركىيە دۇچار بولىۋاتقان تېرورلوق ھۇجۇم ۋە ئىراق، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەيىبلەنگەن.
تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ژورنالىستلىرى كونفىرانسىنى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى ياش ژورنالىستلار بىرلىكى باشلىقى شەمسەتتىن كۈزەجى ئەپەندى بىلەن بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
12 دۆلەتتىن 19 ژۇرنالىست بۇ كونفېرېنسىيگە قاتناشتى. بۇ ژورنالىستلار ھەرقايسى تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرنال، رادىئولارنىڭ مۇخبىرلىرى ئىدى. تۈرك دۇنياسىدىكى ژورنالىستلارنى توپلاپ بۇنداق بىر ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنى ئېچىش تۈرك دۇنياسىدىكى پۈتۈن مەدەنىي، سىياسىي ۋە باشقا پائالىيەتلەردىن بىر - بىرىنى خەۋەردار قىلىشنى مەقسەت قىلغان. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىدە سايلامغا قاتنىشىدىغان تۈركىستانلىق پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بىلەن سۆھبەت
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىدە كوڭزى ئىنىستىتۇتى قۇرماقچى
- تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى كۈتۈپخانا باشلىقلىرى يىغىنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلدى
- تۈركىيىدە 5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
- در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى تېمىسىدىكى دوكلاتى
- خىتايدا ھازىر قانداق مەدەنىيەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ؟
- تۈركىيىدە يايلاق فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
- شىۋىتسىيىدە، ئۈمىد يۇلتۇزى ناملىق مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇرلاردا پاكىزلىق مەدىنىيىتى
- د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى، بىرىنچى نۆۋەتلىك تۈرك ئوجاقلىرى ياشلار قۇرۇلتىيىدا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى تارىخىي مۇزېي
- " شىنجاڭ ناخشىلىرى" ئۇيغۇرلاردا زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (1)