تونۇلغان ژورنالىست سەرۋەت قاباقلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت (2)

تۈركىيىدىكى داڭلىق ئوبزورچى، ژورنالىست سەرۋەت قاباقلى ئەپەندى ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، تۈركىيە گېزىتى ۋە تەرجىمان گېزىتلىرىدە ئوبزورچى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ھازىر تۈركىيە ئەدەبىياتچىلار ۋەخپىنىڭ باشلىقى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى چاغ گېزىتىدە ئوبزور يازماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.02
jornalist-serwet-qabaqli-305 ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﻰ، ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﯩﺴﺖ ﺳﻪﺭﯞﻩﺕ ﻗﺎﺑﺎﻗﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
RFA Photo / Erkin Tarim
  سەرۋەت قاباقلى ئۇزۇن يىل ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى رەھمەتلىك ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ يېنىدا بولغان ۋە ئۇنىڭ تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىغا شاھىت بولغان. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيىدە بىلىنمەيدىغان تەرەپلىرىنى بىلىشنى خالىسىڭىز تونۇلغان ئوبزورچى سەرۋەت قاباقلى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ خاتىرىسىگە دىققەت قىلغايسىز.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك سەرۋەت قاباقلى ئەپەندى، سىزنىڭ ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن بىلەن بىللە تۈركىيىنىڭ بىر قىسىم لىدېرلىرى بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىڭىز بار، ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ئەپەندى تۈركىيىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىرى ۋە باش مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سىز داۋاملىق يېنىدا بولغان ئىكەنسىز، بۇ ئۇچرىشىشلاردا نېمىلەر دېيىلگەن ئىدى؟

سەرۋەت: ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ يۈرۈپ دۇنيا لىدېرلىرىغا شۇنداقلا تۈرك رەھبەرلەرگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتى. ئەينى چاغدا تۈركىيىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسلىرىدىن كەنان ئەۋرەن جۇمھۇر رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن خىتايغا زىيارەتكە بارماقچى بولدى.

بىز كەنان ئەۋرەن ئەپەندىمگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى بايان قىلىنغان بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى مەن ئىشلەۋاتقان تەرجىمان گېزىتىنىڭ خوجايىنى كامال ئىلىجاق ئەپەندى ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەردۇق. ئەينى چاغ ئەسكىرى ھاكىمىيەت مەزگىلى بولغاچقا ۋەزىيەت بەك چىڭ ئىدى، ھەتتا ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيە سىرتىدىكى يىغىنلارغا بېرىشنىمۇ چەكلىمەكچى بولغان ئىدى. كېيىن رەھمەتلىك تۇرغۇت ئۆزھال باش مىنىستىر بولدى. بۇرۇن تۈركىيە دۆلىتى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا بىراز ئىقتىسادى ياردەم بېرەتتى. ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن توختاپ قالدى.

بىز تۇرغۇت ئۆزھالغا دەپ بۇ ياردەمنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدۇق. تۇرغۇت ئۆزھال دەرھال مىنىستىر ھەسەن جالالغا تېلېفون قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دۆلەتنىڭ ياردىمى ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى باشلىقى ئالپارسلان تۈركەش ۋە سابىق دۆلەت رەئىسى سۇلايمان دېمىرئىللەرمۇ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا كۆپ ياردەملەرنى قىلغان ئىدى. بۇرۇن تۈركىيىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى خىتايلار بىلىپ قالسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر يېتىدۇ، دەپ قاراپ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن خەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىشاتتى. 1990 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا تۇرغۇت ئۆزھال جۇمھۇر رەئىسى بولغاندىن كېيىن، مەن تۇرغۇت ئۆزھالغا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باش سېكرىتارى، ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن سىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ، قانداق دەيسىز دەپ سورىدىم. مەن خىتايلار بىلىپ قالمىسۇن دەپ مەخپىي ئەكىلىپ كۆرۈشتۈرىمىز ھەرقاچان، دەپ ئويلىغان ئىدىم.

ئەمما ئۆزھال بولسا مەتبۇئات باياناتچىسى قايا توپەر ئەپەندىنى يېنىغا چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۈيۈك لىدېرى ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ئەپەندى مەن بىلەن كۆرۈشسەم دەپتۇ، پۈتۈن چەتئەللىك ۋە تۈرك مۇخبىرلارغا ئۇختۇرۇڭلار، مەن ئەتە ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەتبۇئات خادىملىرىغا خەۋەر قىلىندى، ئەتىسى سائەت 10 دا ئەيسا ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە ئوغلى ئارسلان ئالىپتېكىن، ژورنالىست  دوستۇم كامال چاپراج ۋە مەن ئۈچىمىز ئىستانبۇل خاربىيەدىكى ھەربىي مېھمانخانىغا باردۇق. تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى تۇرغۇت ئۆزھال ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننى قوبۇل قىلدى.

ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن بولسا جۇمھۇر رەئىسى تۇرغۇت ئازھالغا ئۇيغۇر دوپپىسى بىلەن تون تەقدىم قىلغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. كېيىن تۇرغۇت ئۆزھال شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوقۇم مۇستەقىللىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى كۆرەلمىسە بالىلىرىنىڭ ياكى نەۋرىلىرىنىڭ چوقۇم بۇنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ تۈركىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم مۇخبىرلارنىڭ ئالدىدا بىر جۇمھۇر رەئىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە دېگەن سۆزى بولۇپ تارىخقا يېزىلدى. بۇ تۈركىيە تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم بىر ھادىسە ئىدى.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك سەرۋەت قاباقلى ئەپەندى، تۈركىيىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىرى، باش مىنىستىرلىرى ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مانا مۇشۇنداق ياخشى گەپ، ياخشى تىلەكلەرنى قىلغان ئىكەن. ھازىرقى باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغانمۇ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاقتىدا ئەيسا ئەپەندىنى يوقلاپ تۇرىدىكەنتۇق، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى لىدېرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىگە كىرىشىگە ۋىزا بېرىلمەيۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

سەرۋەت: ھازىرقى باش مىنىستىرىمىز رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋاقتىدا ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننى ھۆرمەتلەپ ئۇنىڭ قولىنى سۆيگەن كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم.

ھەتتا رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۇئا قىلىۋېتىپ كۆز يېشى تۆككەنلىكىنى، ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋاپات بولغاندا بولسا يەنە ئۇنىڭ جىنازىنى مۈرىسىگە ئېلىپ توشۇغانلىقىنىمۇ كۆرگەنمەن.

ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىگە خالىغانچە بېرىپ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئاڭلىتىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمغا "خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يېتىدۇ،" دەپ ۋىزا بېرىلمەيۋاتىدۇ. بۇ تۈركىيە ئۈچۈن بىر ئەيىبتۇر، بىچارىلىقتۇر. مەن بۇنى ئەيىبلەيمەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.