تۈركىيىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلمەكتە


2006.06.07
merhaba-turk-metbuati.jpg
مەرھابا گېزىتىدىن كۆرۈنۈش

يېقىندىن بۇيان تۈركىيىدە يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلمەكتە. بۇلاردىن بىرى، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە تارىخى شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان كونيا ۋىلايىتىدە چىقىۋاتقان مەرھابا گېزىتىدۇر. بۇ گېزىت يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان كۆپ قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە يەر بېرىپ، بۇ ھەقتە نۇرغۇن تەپسىلى ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. بىز بۇ گېزىتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ماقالىلەر ئېلان قىلىۋاتقان ژۇرنالىست ئىبراھىم بۇيۇكەكەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك بۇيۇكەكەن ئەپەندى، گېزىتىڭلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە يەر بېرىۋاتىسىلەر. ئالدى بىلەن مەرھابا گېزىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟

ئىبراھىم بۇيۇكەكەن : مەرھابا گېزىتى 1991-يىلىدىن بۇيان كونيادا چىقىۋاتقان ئىچ ئاناتولىيە رايونىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى. گېزىتىمىزنىڭ ئاخباراتچىلىق پىرىنسىپى مىللى ۋە مەنىۋى قىممەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىشتىن ئىبارەت. گېزىتىمىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بىر گېزىت. بىزنىڭ كونيا ۋىلايىتىدىلا ئەمەس. قوشنا ۋىلايەتلەرنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ۋىلايەتتە سېتىلىدۇ.

ئەركىن تارىم: يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئارقا ئارقىدىن كۇن تەرتىپكە ئەكەلدىڭلار. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

ئىبراھىم بۇيۇكەكەن : گېزىتىمىزنىڭ مەقسىتى تۇرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى بولسۇن، ئەزەربەيجان، بوسنىيە ۋە كوسوۋادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ۋە كونيا خەلقىگە ئاڭلىتىش بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىزدۇر. چۈنكى، ئۇ يەرلەردىكى ئىنسانلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان زۇلۇم كۆرۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ 1949 - يىلىدا شەرقىي تۈركىستان خىتايلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن بۇ يەردىكى زۇلۇم بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. مەن ئىكى يىلدىن بۇيان مەرھابا گېزىتىدە ئىشلەۋاتىمەن. بۇ ئىكى يىل جەريانىدا كوپ قېتىم شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ماقالە ۋە خەۋەرلەر يازدىم. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەردىنى دۇنيا جامائەتچىلىكگە ۋە تۇرك جامائەتچىلىكگە ئاڭلىتىشنى ئۆزەمنىڭ بىر بۇرچى دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىشىنى خالىمايمىز. بۇندىن كېيىنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ دەردىنى تۇرك خەلقىگە ئاڭلىتىشقا داۋام قىلىمەن.

ئەركىن تارىم: يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كۇن تەرتىپكە كېلىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە سىزچە؟

ئىبراھىم بۇيۇكەكەن : كونيادا ئەڭ كوپ ئوقۇلىدىغان گېزىتلەردىن بىرى مەرھابا گېزىتىدۇر. شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى مەرھابا گېزىتىدىن ئوقۇش بىلەن دۆلەتلىك چوڭ مەتبۇئاتلاردا ئوقۇشنىڭ پەرقى بار. مەملىكەت خاراكتېرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ئىنتايىن قىسقا بېرىلسە، بىزگە ئوخشاش يەرلىك گېزىتلەردە بۇ مەسىلە ئىنتايىن ئەتراپلىق بېرىلىدۇ. مەنچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۆپرەك يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىدا يەر ئېلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

ئەركىن تارىم: شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى ۋە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە يەر بەرمەيۋاقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ. سىزچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۇرك مەتبۇئاتلىرىدا يەر ئېلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار نېمە قىلىشى كېرەك؟

ئىبراھىم بۇيۇكەكەن : شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا يەر ئېلىشى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چوڭ ۋەزىپە چۈشىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، تۈركىيىدىكى سىياسى پارتىيىلەر داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەتبۇئاتلارھا مەلۇمات بېرىشى، لېكسىيە ۋە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى چاقىرىشى كېرەك. بولۇپمۇ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ھالدا تۇرك جامائەتچىلىكگە ئاڭلىتىپ تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر بىزنىڭ گېزىتىمىزگە كېلىپ ئۇيەردە بولىۋاتقان ھادىسىلەرنى ئاڭلاتسا بىز دەرھال ئېلان قىلىمىز.

ئەركىن تارىم: كونيا ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلار بىلىنەمدۇ؟

ئىبراھىم بۇيۇكەكەن : كونيادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى كونيا خەلقى تۇرك دۇنياسىدىكى قېرىنداشلىرىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بولىدۇ. مەسىلەن، بوسنىيە ئۇرۇش بولغاندا، پاكىستاندا يەر تەۋرىگەندە، ئەزەربەيجان قاراباغادا ئۇرۇش بولغاندا ئۇ يەرلەرگە ئەڭ كوپ ياردەم كونيادىن بارغان. كونيالىقلارنىڭ ئەسلى تېگى تۈركسىتان. بىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتاندۇر. كونيا خەلقى مەنىۋى ۋە مىللى قىممەتلىرىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق. شۇڭا بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىنتايىن ياخشى بىلىنىدۇ. بىز ژۇرنالىست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان يېڭى ھادىسىلەرنى ۋاقتى ۋاقتىدا كونيا خەلقىگە ئاڭلىتىشقا داۋام قىلىمىز. دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى بىزگە ئەۋەتىپ تۇرسۇن. بىزنىڭ ئىنتېرنېت ئادېرىسىمىز: www. merhabagazetesi.com.tr

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.