تۈرك مەتبۇئاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
2007.11.13

تۈركىيىدىكى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 12- يانۋار كۈنىدىكى سانىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر پارچە چوڭ ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىندى . ماقالىگە رەسىملەر بىلەن بىللە بىر بەت يەر بېرىلگەن. ۋاقىت گېزىتى يازغۇچىسى ئابدۇللاھ گۈلەر يازغان " مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان 6 ئۇيغۇر تۈركىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى " ماۋزۇلۇق خەۋەردىن كېيىن " مەسچىتكە بېرىشمۇ مەنى قىلىنغان "ماۋزۇلۇق خەۋەر ۋە " شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەيمىز " ماۋزۇلۇق ماقالىلارغىمۇ يەر بېرىلگەن.
بۇ ماقالىدە خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىسلام دىنىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل يوللارنى سىناۋاتقانلىقىنى، 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مەسچىتكە بېرىشىنىڭ مەنى قىلىنغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىغىچە قاۋاقخانا ئېچىشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى يازغان.
بۇ ماقالە 11 - يانۋار كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەيئەتلىرىنىڭ، ۋاقىت گېزىتى مەسئۇلى مۇستافا قاراھاسانوغلىنى زىيارەت قىلغاندا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يېزىلغان. بىز بۇ زىيارەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئىزھار ئەفەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى
- ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى قەشقەردە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
- شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى-ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە
- شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇۋەلىجان ۋاپات بولدى
- رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت --- يېڭى ئىرا گېزىتىدىكى ماقالە ھەققىدە
- چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى (1)
- خەلقئارانىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17 - قۇرۇلتېيى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى
- ئۈرۈمچىدىكى ساقچى - ئەدىلىيە مەكتىپىدە توقۇنۇش يۈز بەردى
- دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئارمان قۇلئوغلى بىلەن سۆھبەت (2)
- ئاۋسترالىيىدە كۆپ تەشكىلات بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن نامايىشلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلدى
- ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھازىرغىچە گۇماندا
- ياپونىيە ئىمپېرىيىسى توپلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماتېرىياللار (1)