تۈرك مەتبۇئاتىدا خىتاي ھەققىدە مۇنازىرە
2007.12.26
2008- يىلى ياۋروپا بىرلىكى دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي توقۇمچىلىق ماللىرىغا قويغان چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تۈرك كارخانىچىلىرىنى ۋە تۈركىيە دۆلىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا. تۈركىيىمۇ توقۇمىچىلىق ماللىرىنى ئەڭ كۆپ ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولغاچقا، خىتايلارنىڭ ئەرزان توقۇمىچىلىق ماللىرى بىلەن ياۋرۇپا بازىرىنى بېسىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. بۇ سەۋەبتىن 25- دېكابىر كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيىلىرىدىن بىرى بولغان "ن ت ۋ" دىكى "يورۇم فارقى" يەنى "ئوخشىمايدىغان تەھلىل" ناملىق پروگراممىدا تۈركىيىدىكى ئاتاقلىق جەمىيەتشۇناس پروف. در. ئەمرە كوڭگار ئەپەندى بىلەن داڭلىق ئوبزورچى مەھمەت بارلاش خىتاي ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى.
"خىتايلار ياۋروپا بازىرىنى ئىگەللەپ كەتسە، ئىقتىسادىمىز ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ"
ئەمرە كوڭگار مۇنداق دېدى: "خىتاي 500 دوللار قىممىتىدىكى توقۇمىچىلىق بويۇملىرى ۋە سائەتكە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ساختىسىنى ئىشلەپ چىقىرىپ 5 دوللاردىن ساتماقتا. ئەگەر خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرى بازىرىمىزغا كىرىشكە باشلىسا بىزنى قاتتىق زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرى تۈركىيەگە ئىككى جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىرىنچىسى تۈركىيىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئېتىلىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرى ئەزان بولغاچقا تۈرك خەلقى خىتاي ماللىرىنى ئېلىشقا باشلىسا، مىللىي توقۇمىچىلىق سانائىتىمىز ئۆلىدۇ. ئىككىنچىدىن بىز توقۇمىچىلىق ماللىرىمىزنىڭ كۆپىنى ياۋروپاغا سېتىۋاتىمىز. ئەگەر خىتايلار ياۋروپا بازىرىنى ئىگەللەپ كەتسە ياۋروپاغا مېلىمىزنى ساتالمايمىز، ئىقتىسادىمىز ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ."
"ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىنمۇ تۆۋەن"
مەمەت بارلاس مۇنداق دەيدۇ: "خىتايغا ئۇزاقتىن قارايدىغان بولساق كۈچلۈك بىر دۆلەتتەك كۆرۈنىدۇ. ئەگەر خىتاينى ياخشى كۆزىتىپ تەتقىق قىلىدىغان بولسىڭىز ناھايىتى زور قىيىنچىلىقلىرى بار بىر دۆلەت. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىر خىتايدا 200 مىليون كىشى ئوتتۇرا ھاللىق تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئېرىشىپتۇ. ئەمما خىتاينىڭ نوپۇسى 1 مىليارت 300 مىليون ئەتراپىدا. بۇنداقتا خىتايدا 1 مىليارت 100 مىليون كىشى يەنىلا نامرات دېگەنلىك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ كىرىمىگە قارايدىغان بولسىڭىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئافرىقىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىنمۇ تۆۋەن. خىتاي راستىنلا تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ زورىيىۋاتىدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ ئېنېرگىيىسى يوق، چەت' ئەلدىن ئىمپورت قىلغان ئېنېرگىيىگە تايىنىدۇ. خىتاينىڭ پەقەتلا كۆمۈر بايلىقى بار، ئەمما ئىنتايىن خەتەرلىك، ئەڭ كۆپ قازا مەيدانغا كېلىۋاتقان كۆمۈر كانلىرى خىتايدا."
"ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىتى تۈپەيلىدىن رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كېلىدۇ"
مەھمەت بارلاس يەنە مۇنداق دېدى: "خىتاي چەتئەل نېفىتىگە مۇھتاج. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىت تۈپەيلىدىن كېلەچەكتە رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا چوقۇم توقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. بۇ قوراللىق ئۇرۇش بولمىسىمۇ بىر ئىقتىسادى ئۇرۇش. خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ مەسىلىسى سۇ مەسىلىسى. ھازىر خىتايدا سۇ كەمچىل. خىتايلارنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئىچىدىغان سۇ يوق. خىتاي كۆپىيىۋاتقان نوپۇسىغا ئىچىدىغان سۇ ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىنى سۇغىرىدىغان سۇ تاپالمايۋاتىدۇ. خىتايدىكى ئۈچىنچى چوڭ بىر مەسىلە يولسىزلىق ۋە پارىخورلۇق. خىتايدىكى چوڭ سانائەتلەرنىڭ كۆپى كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ قولىدا. دۆلەت زاۋۇتلىرىنى شەخسىيلەرگە كۆتۈرە بېرىمىز دەپ ھەممىسىنى كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىغا ۋە تۇغقانلىرىغا ئەزان سېتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان ئىشچى ئىشسىز قالدى."
"خىتاي دۇنيادا پارىخورلۇق ئەڭ كۆپ دۆلەت"
مەھمەت بارلاس يەنە مۇنداق دېدى: "يېقىندىن بېرى خىتايدا داۋاملىق ھالدا بانكا مۇدىرلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىۋاتىدۇ، شەھەر باشلىقلىرى تۈرمىگە تاشلىنىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى شاڭخەي شەھرىنىڭ باشلىقى ۋە ئوغلى، شاڭخەي شەھەرلىك كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى تۈرمىگە تاشلاندى. بۇنىڭ سەۋەبى بۇلار بىر ماشىنا مۇسابىقىسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ 1 يېرىم مىليارت دوللىرىنى خىيانەت قىلغان. خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ پارىخورلۇق ۋە خىيانەتچىلىك بار دۆلەت. سانلىق مەلۇماتلارغا قارايدىغان بولسىڭىز دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تۆمۈر يول شىركىتى، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سۇغۇرتا شىركىتى، ئەڭ چوڭ بانكىسى خىتايدا، ئەمما دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىدە خىتايدا. شۇڭا خىتاينى ياخشى تەتقىق قىلىش كېرەك. خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرى تۈپەيلىدىن ئىتالىيە توقۇمىچىلىق سانائىتىدە كرىزىس پەيدا بولدى."
"تۈركىيە خىتايغا قارشى ئەقىللىق سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك"
ئەمرە كوڭار مۇنداق دەيدۇ:" سىز خىتايدىكى ئىستىمال قىلغۇچى بايلارنىڭ سانىنى 200 مىليون دېدىڭىز. خىتايلار ئۆزلىرى 'نوپۇسىمىزنىڭ %20 ياۋروپالىقتەك ياشايدۇ' دەيدۇ. ئەمما چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر خىتاي نوپۇسىنىڭ %15 نىڭ ياۋروپالىقتەك ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەنچە خىتاي نوپۇسنىڭ %10 ياۋروپالىقتەك ياشىسىمۇ، %90 نامرات ياشىماقتا. نوپۇسنىڭ 10% ياخشى ياشاۋاتىدۇ دېگەن تەغدىردىمۇ 130 مىليون ئادەم باي دېگەنلىك بولىدۇ، بۇ تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 2 ھەسسىسى دېگەنلىك. ئەگەر، بۇ خىتايلار ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان ماللارغا قويۇلغان چەكلىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇدىغان بولسا، بىزنىڭ سانائىتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا تۈركىيە بۇنىڭغا قارىتا ئەقىللىق سىياسەت يۈرگۈزۈشى كېرەك." (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلارنىڭ مەتبۇئات ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى (1)
- تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئېلىپبەسى تۈزۈلمەكچى
- ئىستانبۇلنىڭ جاۋاھېر مېھمانخانىسىدا ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى
- دېموكراتىيىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تەسىرى
- ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزدى
- تۈركىيىنىڭ رادىكال گېزىتى ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى
- قەيسەرى ۋالىسىنىڭ خوشلىشىش زىياپىتىگە د ئۇ ق مەسئۇللىرى قاتناشتى
- د ئۇ ق، تۈركىيىنىڭ ئۇلۇسال تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە رەددىيە بىلدۈردى
- ئەزەربەيجان مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرلار