ئۆكتىچى پارتىيە مۇئاۋىن مەسئۇلى د ئۇ ق ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى


2008.01.29

oktay-wural-200.jpg
ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ھەيئەتلەرنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى. RFA Photo / Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، د ئۇ ق ياشلار كومىتېتى تۈركىيە ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 1-ئاينىڭ 24-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق قاتناش مىنىستىرى ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى ئۇلارنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى. خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

كېيىن پارلامېنت ئەزاسى ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى سۆز ئېلىپ تۈركلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى گەرچە تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمىگەن بولسىمۇ، تۈرك خەلقىنىڭ قەلبىدە ھەر دائىم مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە ئۆزىنىڭ 2001-يىلى قاتناش مىنىستىرى سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدىكى تەسىراتىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتى.

ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى ھادىسىلەرنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، گەرچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمىگەن بولسىمۇ، 70 مىليون تۈرك خەلقىنىڭ كۆڭلىدە ئالاھىدە ئورنى بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: " بىز ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكا كونگىرىسىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا بولۇۋاتقانلارنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتىمىز. تۈركىيە ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللاپ كەلدى. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ۋاقتىمىزدا پارتىيىمىزنىڭ باشلىقى، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر دۆلەت باغچەلى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان ئىدى. مەنمۇ قاتناش مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدىم. بىز ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا داۋاملىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى قوللاپ ‏- قۇۋۋەتلەپ كەلدۇق. مەنچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دىققەت ‏- ئىتىبارىنى قوزغاۋاتقانلىقى ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش. بولۇپمۇ دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىشى ئىنتايىن مۇھىم. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا بىزنىڭ كۈن تەرتىپىمىزدە، بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى پارتىيىمىزنىڭ ۋە 70 مىليون تۈرك خەلقىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىدۇر. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز تۈرك خەلقىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندەشتىن ئىبارەت. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ كۆڭلىدە ئالاھىدە يېرى بار بولسىمۇ، تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلمەيۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ناھايىتى نازۇك بىر مەسىلە، شۇڭا شەرقىي تۈركىستان خەلقىغىمۇ زىيان يەتمەيدىغان بىر ۋەزىيەتتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى گەرچە تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كەلمەيۋاتقان بولسىمۇ، تۈرك خەلقىنىڭ كۆڭلىدە ئالاھىدە ئورنى بار."

ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى ئۆزىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستانغا بارغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ئىكەنلىكىنى، كېلەچەكتە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز بايلىقلىرىدىن ئۆزى پايدىلىنالايدىغان كۈچكە ئىگە بولالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "مەنمۇ بېرىپ شەرقىي تۈركىستاننى كۆردۈم، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆز ھەق ‏- ھوقۇقىغا ئىگە، ئۆز بايلىقلىرىدىن ئۆزى پايدىلىنالايدىغان، مائارىپ سەۋىيىسى يۇقىرى بىر رايونغا ئايلىنالايدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ۋاقتىمىزدا ئۇ يەردىكى رەھبەرلەرگە تۈرك كارخانىچىلىرىنىڭ بۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيىنىڭ بۇ رايون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدۇق. شەرقىي تۈركىستان يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بىر رايون، ھازىر پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. كېلەچەكتە تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىر دۆلەت بولسا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىمىز."

مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن باشلىقى پارلامېنت ئەزاسى ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى، 2008-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن مەھمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىندى. مەھمۇت قەشقىرى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى، سىز مەھمۇت قەشقىرىنىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلدىڭىزمۇ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: " مەن مەھمۇت قەشقىرى مەقبەرىسىنىڭ يېڭىدىن سېلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىمەن."

ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا تۈركىيە 3 قېتىم ۋىزا بەرمىدى؟ سىز بىر ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق قارايسىز؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: " بۇ مەسىلىگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ بىر چارە تېپىشىنى تىلەيمەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۆلىتىمىزنى زىيارەت قىلىش ھەققى بولۇشى كېرەك. شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بىر مىللەت، بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز."

سىز 2001 - يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدىڭىز، تەسىراتىڭىز قانداق؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئوكتاي ئۇرال ئەپەندى مۇنداق دېدى: "مەن ئۇ يەردە بازارلارنى ئايلاندىم، مەنچە ئۇيغۇرلار ئۈمىدۋار. خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن، تەرەققىيات پەقەتلا يوق. ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي غۇرۇرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆردۇم. ئەڭ مۇھىمى ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ئۆز ھەق ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلالايدىغان، ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداپ قالالايدىغان، ئۆز بايلىقلىرىنى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتەلەيدىغان شەرت ‏- شارائىت ھازىرلىنىشى كېرەك. مەن شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىر سىياسەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئالغان تەسىراتىم، ئۇيغۇرلار ئۈمىدۋار ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېخىمۇ ئۈمىدۋار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن." (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.