تۈركىيىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن خەۋەردارمۇ؟

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرك دۇنياسى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتماقتا، كۆرگەزمىلەر ئاچماقتا.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتلەرنىڭ كۆپى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلماقتا. چۈنكى ياشلار كەلگۈسىدە شۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىرىدۇر.

بىز 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئافيون ۋىلايىتىدىكى قوجاتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن `ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان` ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز ئۇلارغا مىكرافونىمىزنى ئۇزۇتۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىشقا تىرىشتۇق.

ئۇلارنىڭ كۆپى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنچىۋالا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقلىرىنى ئېيتىشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.