2002 - يىلى 11- ئايدا ئېلىپ بېرىلغان سايلام مەزگىلىدە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا نۇرغۇن پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى نامزاتلىرى كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئاۋاز بېرىشىنى، ئەگەر پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان تەقدىردە ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئوخشاش ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى.
تۈركىيىدىكى بەزى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۇ پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ۋە سايلامدا ئۇلارغا ئاۋاز بەرگەن ئىدى. رەسمى بولمىغان سىتاتىستىكىلارغا قارىغاندا، 2002-يىلىدىكى سايلامدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى 5 يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىگە ئاۋاز بەرگەن ئىكەن.
ئۇنداقتا بۇ پارتىيىدىن سايلانغان پارتىيە ئەزالىرى سايلامدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارغا بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇردىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى مەسىلىلىرى ھەل بولدى؟ مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سۆزىدە ، ئۆتكەن 5 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان سەۋىيىگە كەلمىگەن بولسىمۇ، نۇرغۇن ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. (ئەركىن)