تۈركىيىدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىگە بىر نەزەر


2007.09.05

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 60- قېتىملىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىمىزدىكى 5 يىللىق خىزمەت پىلانى پارلامېنتتا مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ بۈگۈن رەسمىي قوبۇل قىلىندى. ھۆكۈمەتنىڭ 5 يىللىق خىزمەت پىلانىدا تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىنى تېخىمۇ دېموكراتىكلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تۈركىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى تامامەن يوق قىلىش، ئىشسىزلىقنى ئازايتىپ، كىشى بېشىغا چۈشىدىغان مىللىي دارامەتنى 10 مىڭ 500 دوللارغا چىقىرىشتەك بىر يۈرۈش پىلانلار بار. بۇلاردىن باشقا بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتقان بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان سىياسىتى بولدى.

ھۆكۈمەتنىڭ كۆز ئالدىدىكى پىلانلىرى

ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىمىزدىكى 5 يىللىق خىزمەت پىلانىدا مۇنداق دېيىلگەن: "تۈركىيە ئۆزىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، قېرىنداش تۈركىي دۆلەت ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە ئىگە چىقىش تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر. ھۆكۈمەت ئىش بېجىرىش مەزگىلىدە بۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز كۈچەيدى. تۈرك دۇنياسىنىڭ ئېھتىياجى بولغان خىزمەت پىلانلىرىغا ياردەم قىلدۇق. ھۆكۈمىتىمىز تۈركىي دۆلەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە مەنپەئەت كۈتمەستىن بۇنى تارىخىي بىر بۇرچ دەپ قاراپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز- ئارا زىيارەتنى كۆپەيتتى. 2006- يىلى ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئالىي رەھبەرلىرى قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزدۇق."

تۇركىي مىللەتلەرگە قىلىنىدىغان ياردەم توغرىسىدا

ھۆكۈمەت پىلانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىي مىللەتلەرگە قىلىنغان ياردەملەر ھەققىدە مۇنۇلار دېيىلگەن: "بىز ھاكىمىيەت بېشىدىكى مەزگىلدە قىرىم تاتارلىرىغا، گاگاۋۇز تۈركلىرىگە، ئافغانىستاندىكى ئۆزبېك ۋە تۈركمەنلەرگە، گىرۇزىيىدىكى ئەزەرى ۋە قارا قالپاق تۈركلىرىگە، موڭغۇلىستان قازاقلىرىغا، كوسوۋا، ماكېدونىيە، غەربىي تراكىيىدىكى تۈركلەرگە، بۇلغارىيىدىكى تۈركلەرگە، شىمالىي ئىراقتىكى تۈركمەن ۋە رۇسىيىدىكى ئاغىزكا تۈركلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدۇق. تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلدۇق. بۇلاردىن باشقا قىرىمدىكى تاتارلارغا 1000 يۈرۈش ئۆي سېلىپ بەردۇق. موڭغۇلىستاندىكى ئورخۇن ئابىدىلىرى بار جايغا بارىدىغان 50 كىلومېتىرلىق يولنى ياساپ بەردۇق. ئالدىمىزدىكى 5 يىلدا بۇ قېرىنداش تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە تېخىمۇ زور ياردەملەرنى قىلىمىز."

دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت توغرىسىدا

بۇ ھۆكۈمەت پىلانىدا تۈركىيىنىڭ ياۋرو - ئاسىيادىكى خىتاي ، ھىندىستان ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتى كۆرسىتىلىپ مۇنداق دېيىلگەن : "تۈركىيە ياۋرۇپا ئارقىلىق ياۋرو- ئاسىياغا جايلاشقان جۇغراپىيىدە مەيدانغا كېلىۋاتقان مۇقىمسىزلىقلارنى ھەل قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رولغا ئىگە. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. تۈركىيە بۇ مۇناسىۋەتنى سىياسىي، ئىجتىمائىي، پەن- تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن تېخىمۇ كېڭەيتىشى كېرەك. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش، ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش تۈركىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم تاشقى سىياسەتلىرىدىن بىرىدۇر. رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە ياپونىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققى قىلدۇرىمىز. ئەمما بۇ دېگەنلىك، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بىرلىكى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئورنىغا دەسسىتىمىز دېگەنلىك ئەمەس. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ياشايدىغان دۆلەتلەردە ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە ئاكتىپ ياردەم سىياسىتى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە بۇ دۆلەتلەردە كەم بولغان كونسۇلخانا ، ئەلچىلىك ۋە ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ئېچىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز."

ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن تىلغا ئېلىنمىدى؟

بۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت پىلانىدا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۆپى يەر ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى سىياسىتىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قانداق بولىدۇ ؟

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ 5 يىللىق خىزمەت پىلانى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈش ئۈچۈن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.