تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت كومىتېتى باشلىقى ئەھمەت ئىيىمايا بىلەن سۆھبەت


2008.02.01

ExmetIyimaya-200.jpg
تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئەھمەت ئىيىمايا ئەپەندى، پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا مۇخبرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئەھمەت ئىيىمايا ئەپەندى بىلەن پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا بىزنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەردى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ يېقىندا تۈگەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە 21 - ئەسىرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەسىرى ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى بۇ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە شامىلىنىڭ ئالدىنى ھىچ قانداق بىر كۈچنىڭ توسالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەھمەت ئىيىمايا ئەپەندى سۆزىدە 21 - ئەسىرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەسىرى ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ چوقۇم ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: " مەنچە 20 - ۋە 21 - ئەسىر ئىنسان ھەقلىرى ئەسىرىدۇر. دۇنيادا دۆلەت ۋە مىللەتلەردىنمۇ مۇھىم نەرسە ئىنساندۇر. شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلار قايسى مىللەت، قايسى دىندىن بولسا بولسۇن ئۇلار، ياشاش، داۋالىنىش، مەدەنىي، ئىنسانىي ۋە ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھەقلىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. دۆلەت قۇرغان مىللەتلەر بار، باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىچىدە مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقان مىللەتلەر بار. بىر دۆلەتنىڭ چوڭ دۆلەت بولۇشى، ئۇ دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تەڭ باراۋەر دېموكراتىيە ئىچىدە ياشاش ھەققى بېرىپ بەرمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. خىتاي ۋە رۇسىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەردە ھەقلىرى تارتىۋېلىنغان، ھەقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كۆپ ساندا مىللەتلەر بار. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا تېزلا ئۆزگىرىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزگىرىۋاتىدۇ، رۇسىيە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئۇيغۇرلار بەلكى بېسىم ئاستىدا زۇلۇم ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى چوقۇم بەخت سائادەت ئىچىدە ياشايدۇ دەپ ئويلايمەن. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆز داۋالىرى ئۈچۈن سەۋرى تاقەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ مۇجادىلىلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى تەبرىكلەيمەن تەبرىكلەيمەن. خىتايلارمۇ دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىن قاراپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارغا ئۆز ھەق ۋە ھۇقۇقلىرىنى بېرىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ ئەركىنلىك ئىچىدە ياشايدۇ دەپ ئويلايمەن."

سىز خىتاي ئۆزگىرىۋاتىدۇ دەۋاتىسىز؟ شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرىنىڭ دېيىشىچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋېتىپتۇ، دېمەك خىتاي ئۆزگەرمەپتۇ دېگەنلىك، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ئۆزگەرمەيۋاتىدۇ دېگەن گەپكە قوشۇلمايمەن. بۇرۇن خىتاي ئىقتىسادىمۇ كوممۇنىستىك ئىقتىساد ئىدى، ئەمما بۈگۈن خىتايلار تۈركىيىدىنمۇ بەكرەك ئەركىن بازار ئىقتىسادى سىياسىتى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا خىتاي ئۆزگىرىۋاتىدۇ. سىياسى جەھەتتىكى ئەركىنلىك تېخى خىتايغا يېتىپ كەلمىدى، ئەمما مەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتايغىمۇ دېموكراتىيىنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. چۈنكى بۈگۈن دۇنياۋىلىشىۋاتقان كۈنىمىزدە بۇ ئەركىنلىك دېموكراتىيە شامىلىنى ھېچكىم توسۇۋالالمايدۇ."

بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مائارىپى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىۋاتىدۇ؟ پۈتۈن مەدەنىي ھەقلىرى قوللىرىدىن تارتىۋېلىنىۋاتىدۇ؟ سىز تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت كومىسيونى باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: " مەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، كونكرىت مەسىلىلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىسى مەن دېسەم يالغان گەپ قىلغان بولۇپ قالىمەن. بىز شۇنى بىلىمىزكى، كىشىلەرگە ۋە مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىمنىڭ ئەكسى تەسىرى بولىدۇ. بېسىم كۈچەيگەنسېرى ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىقمۇ كۈچىيىدۇ. شۇڭا بېسىم بىر مىللەتنى يوق قىلالمايدۇ ئەكسىچە ئۇ مىللەتنى كۈچلەندۈرىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلىنى دىنىنى يوق قىلىش سىياسىتىنى بۇرۇن بولغارىيە ۋە گېرىتسىيەمۇ ئىجرا قىلغان ئىدى، ئەمما نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 21 - ئەسىردە بىر مىللەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئەگەر خىتايلار راستىنلا سىلەر دېگەندەك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق سىياسەت چوڭ دۆلەتلەرگە ياراشمايدۇ. مەنچە خىتاي دۆلىتى كېيىن ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ سىياسىتىدىن نومۇس قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى 20 مىليون ئۇيغۇر تۈركىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا بۇ مۇجادىلەڭلار چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ يېقىندا خىتايدىكى پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى بېرىشكە مەجبۇر قالىدۇ."

تۈركىيە پارلامېنتى ئادالەت كومىتېتى باشلىقى ئەھمەت ئىيىمايا ئەپەندى سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا 2008 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنداق دېدى: " مەھمۇت قەشقىرى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە بېغىشلىغان ئەڭ مۇھىم ئەسىرىدۇر. `تۈركىي تىللار دىۋانى `مۇكەممەل بىر ئەسەر بولۇپ، تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ، تۈركىي تىللىرىنىڭ بىر قامۇسىدۇر. بۇ ئەسەرنىڭ بىردىن بىر نۇسخىسىنىڭ ئىستانبۇلدىكى بىر كىتابپۇرۇشتىن ئالى ئەمىرى ئەپەندى تەرىپىدىن تېپىلىشى، ئۇنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسىدۇر. ئالى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابنى ئېلىش ئۈچۈن پۇلى يوق، باشقىلاردىن قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان. مەندە تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئوسمان ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدە بېسىلغان تۇنجى نۇسخىسى بار. تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئورىگىنالى ھازىر ئىستانبۇلدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. مەن 2008 - يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ كىتابنى تېپىپ بىزگە ئۇلاشتۇرغان ئالى ئەمىرى ئەپەندىنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولۇشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدە پائالىيەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى تىلەيمەن." (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.