مەلتەم ئارىكان خانىم: ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ خەتەر ئۆز تىلى ۋە دىنىدىن يىراقلىشىش

ئاتاقلىق تۈرك تېلېۋىزىيە پروگراممىسى رىياسەتچىسى ۋە «9ئا تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ رىياسەتچىسى مەلتەم ئارىكان خانىم، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مەدەنىيەتلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى، ئۇيغۇر ئائىلە تەربىيىسىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.11.29
Meltem-Arikan-xanim-305.jpg تۈرك ئاخباراتچى مەلتەم ئارىكان خانىم. 2012-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان تاشنىڭ مەلتەم ئارىكان خانىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، مەلتەم خانىم ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆز تىلى ۋە دىنىدىن يىراقلىشىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارسلان تاش: ھۆرمەتلىك مەلتەم خانىم، بۇنىڭدىن ئون يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە ھەتتا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئوقۇيتتى. يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە قوش تىللىق مائارىپ دېگەن شوئار ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئوقۇشنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە خىتاي تىلىدا دەرس ئوقۇشقا مەجبۇرلىماقتا، مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە سىزنىڭچە ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟

9 A تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەسچىت ئەتراپىدا جىددىي ھالەتتە تۇرغان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ل30-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
9 A تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەسچىت ئەتراپىدا جىددىي ھالەتتە تۇرغان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ل30-ئۆكتەبىر، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

مەلتەم خانىم: شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز تەلىم-تەربىيە، مىللىي مەدەنىيەتكە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، خىتاي بۇنىڭ ياخشى بىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ساھەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا، ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشنىڭ تەك يولى بولسا ئائىلىدىكى تەلىم-تەربىيىنى كۈچەيتىش، ھەر كىم ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە تىلى ۋە مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىش كېرەك. قېرىنداشلىرىمىز مىللىي مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى بەك مۇھىم. ئەمما ئۇ يەردە بەك خەتەرلىك بىر ھالاكەت بار، ئۇ بولسىمۇ خىتاي مائارىپ سىستېمىسى يولغا قويغان ماركسىزم، دارۋىنىزم ۋە ماتېرىيالىزملىق مائارىپ. ئەسلىدە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇ سىستېمىغا تېخىمۇ كۈچلۈك بىر شەكىلدە قارشى تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ئۆز تىلى بىلەن تەلىم ئالغان ئۇيغۇر ياشلار نەچچە سائەتلەپ ئۆز دىنى ئەقىدىسىگە خىلاپ بولغان ماتېرىيالىزم ۋە دارۋىنىزم نەزەرىيىسى بويىچە دەرس ئوقۇپ شۇ سىستېما بويىچە يېتىشىپ چىققان تەقدىردە ئۆز تىلىنى بىلگەن بىلەنمۇ ئۆز دىنىنى بىلمەسلىك ئەڭ چوڭ خەتەرلىك ئەھۋال. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۆز تىلىنى بىلگەن بىلەنمۇ ئۆز دىنىدىن يىراقلىشىش ئەڭ چوڭ خەتەرلىك ئەھۋال، شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ، ياشلىرىمىزنىڭ ئالدى بىلەن دارۋىنىزم ۋە كوممۇنىزم ئىدىيىسىگە قارشى كۆپلەپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى شەرت. ماتېرىيالىزم ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئاساسىي يوق سەپسەتە ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار ئىلمىي ۋە ئەقلى دەلىل-پاكىتلارنى ياخشى ئۆگىنىشى شەرت. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئىمان، ئېتىقاد ھەقىقەتلىرىنى، قۇرئان كەرىمىنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بەك ياخشى ئۆگىنىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن روھى ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر روھقا ئىگە بولۇشى ۋە ئەۋلادلارنىمۇ شۇ روھ بىلەن يېتىشتۈرۈشى زۆرۈر. مۇشۇنى ئەمەلىي ئىجرا قىلالىغاندا ئاندىن كۈچلۈك ئېتىقادلىق ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئاتاقلىق تۈرك تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى ۋە «9ئا تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ رىياسەتچىسى مەلتەم ئارىكان خانىم. 2012-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
ئاتاقلىق تۈرك تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى ۋە «9ئا تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ رىياسەتچىسى مەلتەم ئارىكان خانىم. 2012-يىلى نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Arslan

ئارسلان تاش: ھۆرمەتلىك مەلتەم خانىم، سىزگە نىسبەتەن ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن پەلەستىن مەسىلىسىدىكى ئوخشاشلىقلار ۋە پەرقلەر نېمىلەردىن ئىبارەت؟

مەلتەم خانىم: پەلەستىندە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىمۇ 60 يىلدىن بۇيان توختىماي ئېزىلىپ كېلىۋاتقان ئىنسانلار بار، ئەمما تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ قايغۇلىرى شەرقىي تۈركىستان ۋە پەلەستىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، چادتىن پاتانىغىچە ھەر يەردە زۇلۇم بار، بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشنىڭ يولىنى ئاللا بىزگە كۆرسەتتى، ئاللا تائالا قۇرئان كەرىمىدە، بىرلىشىڭلار، ئايرىلماڭلار دەپ تەلىمات بېرىدۇ، تىلى، مىللىتى، مەزھىپى نېمە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر پۈتۈن مۇسۇلمانلار قېرىنداش. مۇسۇلمانلار بىر-بىرىنى ئوز جېنىنى قوغدىغاندەك قوغلىمىغۇچە، بىر ئەرەب بىر تۈركنى ئۆز قېرىندىشىغا ئوخشاش ياخشى كۆيۈنۈپ قوغلىمىغۇچە بۇ زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىلمەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تۈرك-ئىسلام بىرلىكىنى قۇرۇشىمىز كېرەك.

ئارسلان تاش: پەلەستىن مەسىلىسىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللىمايدۇ؟

مەلتەم خانىم: چۈنكى تۈرك-ئىسلام دۇنياسى كۈچلۈك بىر بىرلىك ئاستىدا جەم بولماسلىقى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە تۈرك-ئىسلام جۇغراپىيىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تىنچلىق بەرپا بولۇشى، خاتىرجەملىك، ھۇزۇر ئىچىدە ياشىشى، ھېچ قانداق بىر ئۆسمۈرنىڭ كۆزىدە قورقۇش بولماسلىقى ئۈچۈن غەيرەت بىلەن ھەرىكەت قىلىش ئاللانىڭ بىزگە چۈشۈرگەن بۇيرۇقى. بەزى كىشىلەر پەقەت پەلەستىن دەيدۇ، بەزى كىشىلەر پەقەت شەرقىي تۈركىستان دەيدۇ، ئاللا بولسا بىزگە پۈتۈن دۇنيا دەيدۇ، ئاللاتائالا يالغۇز مۇسۇلمانلارغا ئەمەس بەلكى پۈتۈن ئىنسانلارغا تىنچلىق بەرپا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

ئارسلان تاش: ھۆرمەتلىك مەلتەم خانىم، سىزنىڭچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا ۋە تۈركىيە كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار نېمە قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟

مەلتەم خانىم: ئىمكانىيەتلەرنى ۋە كۈچ-قۇۋۋەتلىرىمىزنى بىرلەشتۈرۈشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. ئوخشىمىغان پارتىيىلەردىن ئوخشىمىغان جامائەتلەردىن، فوند ۋە تەشكىلاتلاردىن بۇ يولدا غەيرەت بىلەن ھەرىكەت قىلغانلار بار. بىز بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرەيلى، بىر-بىرىمىزگە ئىگە چىقايلى، ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى ئوخشاش، ئەڭ ئالدى بىلەن ھەممىمىزنىڭ دىنى ئېتىقادى ئوخشاش، قىبلىمىز بىر، كىتابىمىز بىر، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بولساق، ئاللا ئالدىمىزغا كۆپلىگەن ئىمكانىيەتلەرنى ئېچىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىت ئاللانىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنغان بولىمىز، ئەمما بۆلۈنۈپ پارچىلانساق ئاللا مۇۋەپپەقىيەتنى نېسىپ قىلمايدۇ، چۈنكى بۆلۈنۈپ پارچىلىنىش ئىسلام دىنىدا ھارامدۇر.

ئارسلان تاش: ئۇيغۇر خەلقى تۈركىيە دۆلىتىنى ۋە تۈركىيە خەلقىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن ياردەم ئۈمىد قىلىدۇ، سىزنىڭچە تۈركىيە خەلقى ۋە دۆلىتى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك ۋە نېمىلەرنى قىلىش ئىمكانىيىتى بار؟

مەلتەم خانىم: شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ جان دىلىمىز،، روھىمىز، پاك-پاكىز بىر خەلق، ۋىجدانى پاك، گۈزەل-ئەخلاققا ئىگە خەلق. ئىنشائاللا ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان، ئۇلارنى باغرىمىزغا باسىدىغان كۈنلەر پات ئارىدا كېلىدۇ، بىز ئادنان ئوكتار ئەپەندى بىلەن «9ئا تېلېۋىزىيە قانىلى» بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن نەچچە يىلدىن بۇيان تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاخىرغىچە داۋام قىلىمىز. بۇ يەردە بىزنىڭ ۋە دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش بەك مۇھىم. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىق قىلىش كېرەك. كېرەك بولغاندا ئىقتىسادى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش كېرەك. ئادنان ئوكتار ئەپەندى بۇ ھەقتە خىتاي بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ باردى ۋە ياخشى نەتىجە بولدى، ئەمما ياخشى ئىلگىرىلەشلەر تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە داۋام قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ ۋە بىزمۇ، خىتاي يوقالسۇن دېمەيمىز، ئەمما شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولسۇن دەيمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاد بولۇشى خىتاي ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس، دەل ئەكسىچە ئۇلارنىمۇ خاتىرجەم قىلىدىغان بىر گۈزەل ئىش. بۇنىڭغا كاپالەتلىك بېرىشنى خىتايغا ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك. خىتاينىڭ ئەندىشە ۋە قورقۇشلىرى يوقالسا بەلكى بۇ بىر ياخشى ئىلگىرىلەش بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خىتايغا كوممۇنىست ئىدېئولوگىيىسىنىڭ ئاساسىي يوق بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەندۈرۈش كېرەك، چۈنكى خىتاي بۇ سەپسەتە ئىدېئولوگىيە سەۋەبىدىن يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس بەلكى ئۆز خەلقىگىمۇ زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىمۇ قىيناۋاتىدۇ. بىز بولساق ئۆز يولىمىز بىلەن مېڭىپ ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەم خىتاي خەلقىنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىشنى خالايمىز، ھەر كىم بىرىنچى سىنىپ ئىنسانغا ئوخشاش خۇشال ياشىشىنى خالايمىز.

قېرىنداشلار، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىمىزنى «9ئا تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ www.a9.com.tr تور ئادرېسىدىن ۋە ئادنان ئوكتار ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىدىن پايدىلىنىشى ئۈچۈن www.doguturkistan.com تور ئادرېسىنى زىيارەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.