يېقىنقى 20 يىل جەريانىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەتتە تۈركىيە داۋاملىق زىيان تارتىپ كەلمەكتە.
تۈركلەر 1990 - يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ نوپۇسى زىچ جايلاشقان يەرلەرگە مەبلەغ سېلىپ پۇل تېپىش ئىستىراتېگىيىسى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ ئىستراتېگىيىلىك پىلاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغاندىن كېيىن، مانا ئەمدى تۈركلەر بىلەن تىلى، دىنى، يىلتىزى ئوخشاش بولغان ئۇيغۇر دىيارى ئارقىلىق خىتاي بازىرىغا كىرىش ئىستىراتېگىيىسى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان .
بۇ مەقسەت بىلەن داۋاملىق ئۈرۈمچىگە ھەيئەت ئەۋەتىش، بازار تەكشۈرۈش، يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. بۇ خىزمەت ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغان كىشىلەردىن بىرى بولسا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى سودا ئىدارىسى ئېكسپورتنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەركىزى مەسئۇللىرىدىن بىرى دېنىز چاقىروغلى خانىمدۇر.
ئۇ بىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۇنىڭ خىيالىدىكى بىر جاي ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندە قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاق كۆڭۈل، مېھمان دوست خەلق ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ تۈرك سودا - سانائەتچىلىرىنى ئۇيغۇرلار دىيارىغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدىكى تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالدى.(ئەركىن تارىم)