تۈرك دۇنياسى شېئىر كۈنلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى

0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ ئەلازىھ ۋىلايىتىدە 15-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى شېئىر كۈنلىرى رەسمى باشلاندى. 25-چىسلادىن 27-چىسلاغىچە داۋام قىلىدىغان بۇ پائالىيەتكە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەردىن تونۇلغان شائىرلار قاتناشماقتا.

بۇ قېتىملىق شېئىر پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەسەرلىرى 154 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان قىرغىزلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى چىنگىز ئايتماتوۋقا 2006-يىللىق تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتى بېرىلگەن. ئەلازىھ ۋىلايىتىدە بىر باغچىغا چىنگىز ئايماتوۋنىڭ ئىسمى بېرىلگەن بولۇپ، داڭلىق يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوۋ بۇ باغچىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

بۇلاردىن باشقا فىرات ئۇنىۋېرسىتېتى مەشھۇر يازغۇچى چىنگىز ئايتماتوۋغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن. بۇ شېئىرىيەت كۈنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قازاقىستانلىق داڭلىق يازغۇچى مۇختار شاخانوۋ قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى يوق قىلىش سىياسىتى ئۈستىدە توختالغان.

بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان ياۋرو ئاسىيا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياقۇپ دەلى ئومەروغلى ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە توختالدى. (ئەركىن تارىم)