دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئارمان قۇلئوغلى بىلەن سۆھبەت (1)


2007.09.12

تۈركىيىدە چىقىدىغان جۇمھۇرىيەت گېزىتى ئىستراتېگىيە ژۇرنىلىنىڭ 8 - ئاينىڭ 27 -كۈنىدىكى سانىدا دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئارمان قۇلئوغلى يازغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي جەھەتتىن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە تۈرك - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مەسىلىلەردىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئەتراپلىق بايان قىلىنغان.

بىز بۇ ماقالىنى چۆرىدىگەن ھالدا دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى ئارمان قۇلئوغلۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئارمان قۇلئوغلى : خىتاي دۆلىتى مەسىلە يارىتىۋاتىدۇ

ئەركىن تارىم: سىز ماقالىڭىزدا خىتاي - تۈرك مۇناسىۋىتىدىكى ئىختىلاپلار ئۈستىدە توختىلىپسىز، بۇ ئىختىلاپلار قايسىلار ؟

ئارمان قۇلئوغلى: تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولۇپمۇ كېيىنكى يىللاردىكى مۇناسىۋىتىمىزگە قارايدىغان بولساق مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئارزۇ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھېچبىر ئىلگىرىلەش بولمايۋاتىدۇ. بىزنىڭ خىتاي بىلەن 1995- يىلى ئەسكىرىي جەھەتتە بولۇپمۇ راكىتا تېخنىكىسى جەھەتتە بەزى ئالاقىلىرىمىز بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا قولغا چىققۇدەك بىر ئالاقىمىز بولمىدى. ئەسلىدە خىتاي زورىيىۋاتقان بىر كۈچ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بىرى . شۇڭا تۈركىيە ئەلۋەتتە خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان. شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەي ئۇلارغا بۆلگۈنچى، تېررورچى مۇئامىلىسى قىلدىغان خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشتا بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.

تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. رۇسىيە بىلەن خىتاي كۆرۈنۈشتە گەرچە بۇنى قارشى ئالىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رۇسىيە، تۈركىيە ئۇ يەرگە كىرسە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ رۇسىيىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇدۇ، دەپ ئويلايدۇ. خىتاي بولسا تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرسە ئۇيغۇرلارنى كۈشكۈرتۈپ، ئۇ يەردىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلاپ بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ.

بىز پەقەت شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىنساندەك ياشىشىنى تەلەپ قىلىمىز

ئەركىن تارىم: ھەقىقەتەن ئۇلار ئويلىغاندەك ئەھۋاللار يۈز بېرەمدۇ ؟

ئارمان قۇلئوغلى: شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايدىن تەلەپ قىلىدىغىنى نېمە دېگەن ۋاقتىمىزدا، پەقەتلا ئىنساندەك ياشاش، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ياشىتىش، تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنى داۋام قىلدۇرۇشـتۇر. ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيە - خىتاي ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان بولاتتى. ئەمما خىتايلارنىڭ بۇ خىل سەلبىي كۆز قارىشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەن جازاسى ۋە ھەقسىزلىكلەرگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئەڭ ئېغىر دۆلەت بولۇپ چىقىشتەك ئەھۋال يۈز بەرمەكتە. تۈركىيە بۇ ھەقتە خىتايغا دىپلوماتىك يوللار بىلەن خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي تۈركىيىگە داۋاملىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى كۈشكۈرتكەن دەپ گۇناھ قويۇپ كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە بۇنداق بىر ئىش قىلمايۋاتىدۇ. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارزۇسى پەقەتلا ئۇيەردىكى خەلقنىڭ ئىنساندەك ياشىشىنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت.

ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ تېررورچى ئەمەس

ئەركىن تارىم: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈرك ھۆكۈمىتىگە تۈركىيىدىكى تېررور ھەرىكىتىگە ئوخشىتىپ ئاڭلىتىپ كەلگەچكە، ئۇيغۇر مەسىلىسى دېگەن ۋاقتىڭىزدا تۈرك ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟

ئارمان قۇلئوغلى: تۈركىيىدە بىر تېررور ھەرىكىتى بار. بۇ تېررورنىڭ مەقسىتى تۈركىيىنى پارچىلاش. بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرال- ياراقلار بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. تۈركىيىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ. تۈركىيە قوراللىق كۈچلىرى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشقا كىرىپ ئەسكەرلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. ئۇلارنى شېھىت قىلىپ يەنە تېخى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، تۈركىيىدە بىر كورد مەسىلىسى بار ، ئەمما خۇددى تۈركىيە ئۇنى ھەل قىلمايۋاتقاندەك ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارىغان ۋاقتىمىزدا ، بۇلار تېررورچى ئەمەس. بۇلار خىتاي قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن ئەمەس. خىتاي دۆلىتىگە قارشى قوزغىلىپ، خىتاينى بۆلۈش نىيىتىدىكى كىشىلەر ئەمەس. ئۇلار پەقەتلا ئاپتونومىيە تۈزۈملىرى ئىچىدە ئىنسان ھەقلىرى دائىرىسىدە، ئىقتىسادىنى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە تىلىنى ياشىنىشنىلا تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ سىرتىدا خىتايغا قارشى تۇرىدىغان ياكى خىتاينى بۆلۈدىغان بىر خىيالى يوق. شۇڭا تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە ئورتاق بىر تەرىپى يوق. تۈركىيىدىكىسى تۈركىيەنى بۆلۈشنى مەقسەت قىلغان تېررور ھەرىكىتى، خىتايدىكىسى بولسا ئىنساندەك ياشاشنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىشتىن باشقا بىر ئارزۇسى بولمىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەرىكىتىدۇر. بۇ ئىككىسىنى ئوخشاش بىر قېلىپقا قويۇش مۇمكىن ئەمەس. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.