تۈركىيە ۋەتەندېشى بولۇش ئاسانلاشتى


2008-01-03
Share

تۈركىيىنىڭ ۋەتەنداشلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن . RFA Photo / Erkin Tarim

تۈركىيىنىڭ ۋەتەنداشلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن تۈرك پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىندى. بۇ قانۇندا چەتئەللىكلەرنىڭ تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا قوبۇل قىلىنىشى ئاسانلاشتۇرۇلغان. بۇ قانۇنغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىپ كارخانا قۇرغان، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، پەن-تېخنىكا ۋە سەنئەت ساھەسىدە ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ياكى يۇقىرىقى ساھەلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلىكلەرنىڭ تەكلىپى بويىچە، ھۆكۈمەت كابىنېتىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلىنىدىكەن.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى قانۇنغا ئاساسلانغاندا، 7 ياشتىن تۆۋەن ياشتىكى بېقىۋېلىنغان بالىلار تۈرك ۋەتەندېشى ھېسابلىنىدىكەن. بىر تۈرك ۋەتەندېشى تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان، بالاغەتكە يەتمىگەن بالا بېقىۋېلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن تۈرك ۋەتەندېشى ھېسابلىنىدىكەن. تۈركىيىدە تۇغۇلغان چەتئەللىكنىڭ بالىسى، ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئارزۇ قىلسا، تۇغۇلغان زامان تۈرك ۋەتەندېشى بولالايدىكەن.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈشنىڭ شەرتلىرى ئىچىدە قانۇندا تۈركىيىدە ئەڭ ئاز 5 يىل تۇرۇش شەرتى قويۇلغان. بۇلاردىن باشقا تۈرك ۋەتەندېشى بولۇشقا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن ھەرىكەتلىرى بىلەن تۈرك ۋەتەندېشى بولۇش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئىپادە قىلىشى، يۇقۇملۇق كېسىلى بولماسلىقى، ئەخلاقلىق بولۇشى، يېتەرلىك دەرىجىدە تۈركچە بىلىشى، ئۆزىنى ئۆزى باقالايدىغان ئىقتىسادىي كۈچكە ۋە كەسىپكە ئىگە بولۇشى، تۈركىيىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىلىدىغان بىر ئەھۋالنىڭ بولماسلىقى كېرەك ئىكەن.

يېڭى قانۇندا يەنە تۈرك بىلەن توي قىلغان چەتئەللىكلەر تۈرك ۋەتەندېشى بولۇش ئۈچۈن توي قىلغان كۈندىن تارتىپ 3 يىل بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشى شەرتى كىرگۈزۈلگەن. تۈركىيە ۋەتەنداشلىرى ئىچكى ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە بىلدۈرۈپ قويۇش شەرتى بىلەن باشقا دۆلەت ۋەتەندېشى بولالايدىكەن.

تۈركىيىدە تۈرك ۋەتەندېشى بولۇشنى كۈتۈۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشىماقتا. بۇ يېڭى قانۇن ئۇيغۇرلارغا نېمە پايدا ئېلىپ كېلەر؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم، ژۇرنالىست ۋارىسجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. )ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت