تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى سانىدا تونۇلغان ئوبزورچى يالچىن دوغان يازغان " ئورتاق دېگەن دۆلەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى بۇزىۋاتىدۇ " ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: ئامېرىكا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە پاسپورت بېرىۋاتىدۇ يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرىگە تۈركىيىدە يىغىن چاقىرىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇلار خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تۈركلىرى يەنى شەرقىي تۈركىستان خىتايلار ئۈچۈن ناھايىتى نازۇك بىر مەسىلە. شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئاپتونوم رايونى، خىتاي بۇ رايوندا بىر بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدۇ.
ئوبزورچى يالچىن دوغان ئوبزورىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىدىن كۆرۈۋاتقانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق داۋام قىلىدۇ: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان دۆلەت تۈركىيە دەپ قارايدۇ. بۇنىڭغا بولغان نارازىلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ھالدا تۈركىيىگە دەپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت دەپ قارايدۇ.
راستىنلا ئوبزورچى يالچىن دوغان دېگەندەك ئامېرىكا تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋاتامدۇ؟ ئوبزورچى يالچىن دوغان دېگەندەك خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىنى تۈركىيىدىن كۆرەمدۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان ھۆرىيەت گېزىتىدە بۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنىشتىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)