تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى مۇئاۋىن باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قوماندانى ئورگېنىرال ئىلكەر باشبۇغ خىتايدا رەسمى زىيارەت ئېلىپ بارماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇئاڭ چۇئەن 6-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدا تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قوماندانى ئىلكەر باشبۇغ ۋە ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

تۈرك گېنىرالى بېيجىڭدا

ساۋ گۇئاڭچۇئەن خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيانقى 36 يىل مابەينىدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي ھالدا تەرەققى قىلغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ھەر ساھەدىكى ئىش بىرلىكلىرىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقانلىقىنى دېگەن.

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساۋ گۇئاڭچۇئەن يەنە، بىز تۈركىيەنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغداش سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنى تەقدىرلەيمىز، دېگەن ۋە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان.

تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باش قوماندانى ئورگېنىرال ئىلكەر باشبۇغ بولسا، تۈركىيە بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي ساھەدە ئىش بىرلىكى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، تۈرك ئارمىيىسىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا

تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا يەنە، ئورگېنىرال ئىلكەر باشبۇغ سۆزىدە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دۇنيا مەسىلىلىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنىڭ بىر - بىرىگە بەكمۇ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ: ئوخشاش نۇقتىلاردا تۇرۇۋاتىمىز دىيىشكە بولىدۇ، ئىككى دۆلەت ئۇچراۋاتقان تەھدىت ۋە خەۋپلەر بىر - بىرىگە ئىنتايىن ئوخشايدۇ، دېگەن. ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ كېيىنكى 20-30 يىل ئىچىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى زور بىر ھەيرانلىق بىلەن تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن بىر دوست دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم غورۇرلانغانلىقىنى ئىپادە قىلغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ زىيارىتىنىڭ زور رول ئوينايدىغانلىقىنى دېگەن.

جۇڭگو مۇداپىئە مىنىسىتىرى ساۋمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا مۇھىم رولغا ئىگە بولغان خىتاي ۋە تۈركىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلىپ، مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى دېگەن.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ قاراشلىرى

تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى مۇئاۋىن باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى قوماندانى ئورگېنىرال ئىلكەر باشبۇغنڭ خىتايغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ زىيارىتىنىڭ مەقسىتى زادى نىمە، بۇ زىيارەتنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ياۋروئاسىيا ستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى سۇنالى خانىم بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

سۇنالى خانىم بۇ زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نورمال بىر ئەسكىرىي زىيارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ئادەتتە تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدە بولۇپمۇ ئەسكىرىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە پاسسىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ، ھازىرغىچە پەقەت بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەن دۆلەتلەرگىلا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ كەلگەن. تۈركىيەنىمۇ بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئارىسىغا ئالغان ئىدى. خىتاي بۇ ئىچى بوش بولغان مەۋجۇت مۇناسىۋەتنى داۋاملىق تەرەققى قىلدۇرىمىز، دېيىش بىلەنلا قالغان."

تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ خىل ئەسكىرىي زىيارەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ نورمال بىر زىيارەتتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە، ئورگېنىرال ئىلكەر باشبۇغنىڭ ئىككى دۆلەت ئۇچراۋاتقان تەھدىت ۋە خەۋپلەر بىر - بىرىگە ئىنتايىن ئوخشايدۇ، دېگەن سۆزنى قانداق چۈشىنىش كېرەك، دېگەن سۇئالىمىزغا مۇلاھىزە يۈرگۈزدى.

در. ئەركىن ئەكرەم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، گەرچە تۈركىيە دۇچار بولىۋاتقان پ ك ك مەسىلىسى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ خاراكتېرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، خىتايلارنىڭ ئۇنى بىر- بىرىگە باغلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. (ئەركىن تارىم)