د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى، بىرىنچى نۆۋەتلىك تۈرك ئوجاقلىرى ياشلار قۇرۇلتىيىدا
2007.05.21
تۈركىيىنىڭ ئەڭ قەدىمى، ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا ياشلار قۇرۇلتىيى 5 - ئاينىڭ 18،19 ۋە 20 - كۈنلىرى تۈركىيىنىڭ ئەسكى شەھەر ۋىلايىتىدە چاقىرىلدى.
قۇرۇلتايغا قاتناشقۇچىلار ۋە ئوقۇلغان ماقالىلار
بۇ قۇرۇلتايغا ئەزەربەيجان، قىرىم تاتارلىرى، تۈركمەن، ئاغىزكا تۈركلىرى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىسسيونىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەزاسى ئابدۇللاھ تۇرسۇن ۋە ئابدۇللاھ فاتىھلەر قاتناشقان.
بۇ قۇرۇلتايدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى، تۈرك دۇنياسىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر، تۈركىي تىللار، تۈرك دۇنياسىدىكى ياشلارنىڭ مەسىلىلىرى، ئەدەبىيات، مائارىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدە توپلام، 33 پارچە ئىلمى ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلگەن. ئابدۇللاھ تۇرسۇن ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى تېمىسىدا سۆز قىلغان.
تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى
1912 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ زىيالىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتى، 95 يىلدىن بۇيان تۈرك دۇنياسى ھەققىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، داۋاملىق ھالدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.
بۇ قېتىم ئەسكى شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن 1 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ياشلار قۇرۇلتىيى مانا بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قۇرۇلتايدىمۇ نۇقتىلىق ھالدا ئاغىزكا تۈركلىرى، ئىراقتىكى تۈركمەنلەر ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچار بولىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتى ئەسكى شەھەر شۆبىسىنىڭ باشلىقى پروفېسسور. در. نېدىم ئۈنال ئەپەندىنىڭ سۆزلىرى
تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتى ئەسكى شەھەر شۆبىسىنىڭ باشلىقى پروفېسسور. در. نېدىم ئۈنال ئەپەندى بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
تۈرك ئوجاقلىرى 1912 - يىلىدا قۇرۇلغان بىر ئاممىۋىي تەشكىلات بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركلۈك ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بىر قۇرۇلۇش. بۇ ئاممىۋىي تەشكىلاتنى قۇرغان كىشىلەرمۇ ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن كەلگەن زىيالىيلار ئىدى. تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى تۈرك مەدىنىيىتى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىبارەت.
بۈگۈن بەزى تۈركىي مىللەتلەر تېخىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا زۇلۇم تارتماقتا. مەسىلەن، دۇنيا مەدىنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى تېخىچە خىتايلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشىماقتا.
بۇ قۇرۇلتىيىمىزدىمۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، ئەزەربەيجاننىڭ مەسىلىلىرىنى، ئاغىزكا تۈركلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز. مەقسىتىمىز يۇقىرىدىكى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. تاتار، ئەزەربەيجان ۋە ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ بار. بۇ ياشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىگە ئىنتايىن قىزىقىدۇ. كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئابدۇللاھ تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشسىزلىق ھەققىدە سۆھبەت
- ئەنقەرەدە: `شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى` تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى
- تۇركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى
- د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى
- د ۇ ق ھەيئىتى تۇركىيە ئاناۋەتەن پارتىيەسى مەسۇلى بىلەن كورۇشتى
- تۈركىيە مۇساپىرلار قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى
- تۈرك دۇنياسى زەپەر قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
- باكۇ-تىفلىس-جېيخان نېفىت تۇرۇبىسىدىن نېفىت ئېقىشقا باشلىدى
- تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار مەخسۇس تونۇشتۇرۇلدى
- مەرھۇم ھاجى ياقۇپ ئانات ئەپەندىنىڭ "شەرقىي تۈركىستاندا مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرى" نەشر قىلىندى
- تۈركىيىنىڭ سابىق جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دەمىرەل تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدە سۆز قىلدى
- تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ياۋرو- ئاسىيا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى