ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىدا
2005.11.17
12-نوۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدىكى مارىن پرەنسەس مېھمانخانىسىدا داۋام قىلماقتا. بۇ قۇرۇلتاي 11-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلتايغا 43 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەردەن ياش ۋەكىللەر قاتناشماقتا. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى باشلىقى بەختىيار شەمشىدىن، ئۆمەرجان بۆرە ۋە ئابدۇللاھ تۇرسۇن قاتارلىق ۋەكىللەر قاتناشماقتا.
بۇ قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىشنى خالىسىڭىز ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ!
©
2005 Radio Free Asia