13 - نۆۋەتلىك تۇرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى ماكېدونىيەدە رەسمى باشلىدى
2007.08.06
13 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى ماكېدونىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوخرى شەھىرىدە رەسمى باشلاندى. بۇ قۇرۇلتايغا 40 قا يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن بولۇپ، 250 ۋەكىل قاتناشماقتا.
ئۇيغۇر ۋەكىللىرى قۇرۇلتايدا
قۇرۇلتاي ئوخرى شەھىرىدىكى مېتروپول مېھمانسارىيىدا ئېچىلغان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ماكېدونىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى ئىۋان ئاتتېناسىكى، ماكېدونىيە تۈرك دېموكرات پارتىيىسى باشلىقى، پارلامېنت ئەزاسى كەنان ھاسىپ ، ئوخرى شەھەر باشلىقى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ، مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى.
قۇرۇلتايغا ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى باشلىقى تىبەت يۈجە تۈرك قاتارلىقلار قاتناشماقتا.
بىز بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە تەپسىلى خەۋەر بېرىشتىن بۇرۇن ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە بۇ يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئوخرى شەھىرى ھەققىدە سىلەرگە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتمەكچىمىز.
ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە تۈركلەر
ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى شەرقتە بۇلغارىيە، جەنۇبتا گىرىتسىيە، غەربتە بولسا ئالبانىيە بىلەن چېگرىداش. ماكېدونىيە سابىق يۇگۇسلاۋىيەنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن 1992-يىلى مۇستەقىللىقىنى رەسمى ئېلان قىلغان.
ماكېدونىيەدە 2002-يىلى ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس تەكشۈرۈشىدىن قارىغاندا، ماكېدونىيەنىڭ نوپۇسى 2 مىليون 56مىڭ بولۇپ، 1مىليون 400مىڭى ماكېدون، 500مىڭى ئالبان، 80مىڭى تۈرك، 50مىڭى سىگان ئىكەن. ماكېدون دۆلىتى گەرچە ئالبانلارنىڭ سانىنى يۇقىرىقىدەك بىلدۈرسىمۇ، رەسمىي بولمىغان سىتاتىسكىلارغا قارىغاندا، ئالبانلارنىڭ نوپۇسىنىڭ دۆلەت نوپۇسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
1300-يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قول ئاستىغا كىرگەن ماكېدونىيەگە تۈركلەر يەرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، 1953-يىلى ماكېدونىيەدە 203مىڭ تۈرك نوپۇسى بار ئىدى. بۇلارنىڭ نۇرغۇنىنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە بۈگۈنكى سانلىرى 80مىڭغا چۈشۈپ قالغان. تۈركلەرنىڭ كۆپى ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپتا ياشىماقتا.
قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقان ئوخرى شەھىرى ماكېدونىيەنىڭ ئالبانىيە بىلەن چېگرىداش بولغان ئوخرى كۆلىنىڭ بويىدىكى بىر شەھەر. ماكېدونىيەنىڭ پايتەختى ئۈسكۈپنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى 55 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، نوپۇسىنىڭ كۆپى ماكېدونلاردىن تەركىپ تاپماقتا.
ئوخرى شەھىرىدە ماكېدونلاردىن باشقا يەنە تۈركلەر، ئالبانلار، سىگانلار، سىرىبلار ۋە رومەنلەر ياشىماقتا. ئوخرىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىن قالغان 10 مىچىت ۋە 40 ئەتراپىدا چېركاۋ بار. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىن قالغان ئىمارەتلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان ئوخرى ۋە ئوخرى كۆلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى UNESCO تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئوخرى شەھىرى 1385-يىلىدىن 1912-يىلىغىچە ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقى ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغان بولغاچقا ئوسمانلىغا ئائىت تارىخى ئەسەر - ئەتىقىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. شۇنداقلا بۇ يەر كىرىل ئېلىپبەسى ئىجات قىلىنغان يەر دەپ قوبۇل قىلىنىدىكەن. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى ئۇيغۇر يېزىسى
- تۇركىيەدىكى يېڭى چاغ تېلېۋىزىيىسىدە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 پارچە ژورنىلى تۈركىيىدە سېتىلىشقا باشلىدى
- شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ئىرفان ئاتاگۈن ۋاپات بولدى
- تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى كۈتۈپخانا باشلىقلىرى يىغىنى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلدى
- در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى تېمىسىدىكى دوكلاتى
- ئەنقەرەدىكى تېرورلۇق ۋەقەسىدە 7 كىشى قازا تاپتى، 100 دىن ئوشۇق كىشى يارىلاندى
- د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى، بىرىنچى نۆۋەتلىك تۈرك ئوجاقلىرى ياشلار قۇرۇلتىيىدا
- ئەنقەرەدە: `شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى` تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى
- تۇركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈردى
- د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى
- د ۇ ق ھەيئىتى تۇركىيە ئاناۋەتەن پارتىيەسى مەسۇلى بىلەن كورۇشتى