تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ئورخان كاۋۇجۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى

2007-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

parlament-Orxan-200.jpg
بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش سېكرىتارى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروف. در. ئورخان كاۋۇنجۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت. Photo by RFA / Erkin Tarim

8-ئاينىڭ- 5 كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ماكېدونىيەنىڭ ئوخرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 40 قا يېقىن دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن تۈركىي مىللەت ياشلىرى ۋەكىللىرى قاتناشقان 13.نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىدا ئىراقتىكى تۈركمەنلەر، ئىراندىكى ئازەرى تۈركلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەر ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى.

ۋەكىللەر ۋە مەتبۇئات خادىملىرى ئارىسىدا بۇ قارارلار پەقەتلا قەغەز ئۈستىدە قالامدۇ ياكى رېئاللىققا ئايلىنىش ئېھتىمالىمۇ بارمۇ، دېگەن مەسىلە تارتىشىلماقتا. بىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش شۇنداقلا بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك ئوجاقلىرى جەمئىيىتىنىڭ باش سېكرىتارى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروف. در. ئورخان كاۋۇنجۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك پروف. در. ئورخان كاۋۇنجۇ ئەپەندى ، بۈگۈن ئاخىرلاشقان تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلىپ قارارلار چىقىرىلدى. بۇ قۇرۇلتاينى چاقىرىشتىكى مەقسەت نېمە؟

ئورخان كاۋۇنجۇ: تۈرك دۇنياسى دېگىنىمىز 10 مىليون كۋادرات كىلومېتىر جۇغراپىيىدە ياشاۋاتقان 250 مىليون ئەتراپىدىكى تۈركىي مىللەتلەر دېمەكتۇر. ئەمما بۇ تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەر بۈگۈنگىچە رايون خاراكتېرلىق بولۇپ ئۇلار بىر - بىرىنىڭ مەسىلىسىدىن خەۋەردار ئەمەس ئىدى. بۈگۈن ئالتاي رايونىدىكى بىر ياش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن خەۋەردار. شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر ياش ئىراقتىكى تۈركمەن قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسىدىن خەۋەردار. رۇسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ ئومسىق رايونىدىن كەلگەن بىر قىز مەن مىللىتىمنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم. ئەمما باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دەردى بىزنىڭكىدىنمۇ كۆپ ئىكەن، دەپ كۆزىگە ياش ئالدى. ئۇ يەنە، شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىشتىن ۋاز كەچتۇق، دەپ يەنە كۆزىگە ياش ئالدى. مانا كۆرگىنىڭىزدەك، بۇ قۇرۇلتاينىڭ مەقسىتىمۇ مانا مۇشۇ. بىر - بىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇش.

بىز بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمايمىز، قۇرۇلتايلىرىمىزنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تەشكىلىي بىر ھالغا ئەكىلىمىز. تەشكىلاتلىرىمىز بىر- بىرى بىلەن پەقەتلا قۇرۇلتايلاردىلا بىر ئارىغا كەلمەيدۇ، قۇرۇلتاي ئارىلىرىدىمۇ داۋاملىق بىر ئارىغا جەم بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. بىزنىڭ ھېلىھەم ھەل قىلالمىغان بىر مەسىلىمىز بار. ئۇ بولسىمۇ بۇ قۇرۇلتاي 5 يىلدىن بېرى ئېچىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە قۇرۇلتايدا ئورتاق بىر تۈرك تىلىنىڭ مەيدانغا كەلمەسلىكىدۇر. بۇنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىشىمىز، شۇڭا سەۋىرلىك بولۇشىمىز كېرەك. ئەمما بۇ ئورتاق تىل يارىتىش پىكرىمىزدىمۇ چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. مەن بۇنى توغرا چۈشىنىمەن. چۈنكى بىر ئىنسان 20-25 يىل باشقا بىر تىل ئۆگىنىدۇ، بىر تىلدا ئوقۇيدۇ، ئۇ تىلدا تەپەككۇر يۈرگۈزىدۇ. سىز قوپۇپ ئۇنىڭغا 2 يىلدا سەن ئۇ تىلنى تاشلا، ئورتاق بىر تىلدا گەپ قىلايلى، دېسىڭىز بولمايدۇ. بۇنى قىلىش ئۇنداق قولاي ئەمەس. ئەمما بىز قەتئىي نىيەت بىلەن ھەممىمىز چۈشۈنەلەيدىغان ئورتاق بىر تۈركچە يارىتىپ ئۇ تۈركچە بىلەن بۇ يەردە سۆزلىشىشىمىز كېرەك.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ئورخان كاۋۇنجۇ ئەپەندى، تۈرك ئوجاقلىرىنىڭ باشلىقى نۇرى گۈرگۈر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا تۈركلەر 300 يىل بويىچە ئىنتايىن زور كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، بۇندىن كېيىن ئۇنداق بولمايدۇ، ھەممە ئىشلار ياخشى بوپ كېتىدۇ، دېدى. سىزچە قايسى جەھەتلەردە، قانداق ياخشىلىنىشلار بولار ؟

ئورخان كاۋۇنجۇ: بۇنى مىسال بىلەنمۇ ئىپادە قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنى تۆمۈر پەردە، دەيتتۇق. ئۇ تۆمۈر پەردىنىڭ يەنە بىر تەرىپى بىلەن بۇ تەرىپى ئارىسىدا ھېچقانداق بىر مۇناسىۋەت يوق ئىدى. مېنىڭ ئەسلى تېگىم ئۆزبېكىستاندىن. ئاتا- ئانام ئۆزبېكىستاندىن كۆچۈپ كەلگەندە ئۇيەردە قالغان تۇغقانلىرىمىز ھاياتمۇ ئەمەسمۇ ئۇنى بىلمەيتتۇق. بىز ئۇ يەرلەرگە بېرىشنى ياكى ئۇلارنىڭ كېلىشىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايتتۇق. ئەمما بۈگۈن بۇ ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. ئىشىكلەر ئېچىلدى. ئەنقەرە بىلەن بىشكەك، باكۇ قاتارلىق يەرلەرگە ھەر كۈن نۇرغۇن ئايروپىلانلار قاتنايدۇ. مىڭلارچە ئىنسان ئۇ يەرلەردىن تۈركىيىگە كېلىۋاتىدۇ، تۈركىيىدىنمۇ بېرىۋاتىدۇ. يەنى مىڭ يىللىق ھەسرەت تۈگىدى، ھەممىمىز بىر - بىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇق. ئەمدى بۇ ھەرگىز كەينىگە قاراپ ماڭمايدۇ. بارغانسېرى تەرەققى قىلىپ ماڭىدۇ. نۇرى گۈرگۈر ئەپەندى شۇڭا ئىنتايىن توغرا گەپ قىپتۇ. يېڭى بىر دەۋر باشلاندى، ھەممە ئىشلار ياخشى بوپ كېتىدۇ.

ئورخان كاۋۇنجۇ ئەپەندى سۆزىنى داۋام قىلىپ غەربىي تۈركىستان ئېرىشكەن مۇستەقىللىككە بىر كۈن شەرقىي تۈركىستانمۇ چوقۇم ئېرىشىدۇ، دېدى ۋە كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قالغانلىقتىن سۆزىگە داۋام قىلالماي قالدى.

ئەركىن تارىم: سىز بۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى بېرىش - كېلىشلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچلىنىۋاتقانلىقىنى، دەپ ئۆتتىڭىز. ھەقىقەتەن، بۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى قانداق بولار؟

ئورخان كاۋۇجۇ : سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ھەيئىتى نامىدىن قۇرۇلتايدا سۆز قىلغاندا، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى دەپ ئۆتتى. ھەقىقەتەن ئۇ بۇ سۆزىدە ھەقلىق. ئەمما ئۇ گەرچە بۇ جەھەتتە ھەقلىق بولسىمۇ، بولىۋاتقان ياخشى ئەھۋاللارمۇ بار. ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان بەزى بىگۇناھ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقىمىز بارغانسېرى كۈچلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن، 12 مۇقام ئۆمىكى تۈركىيىدە ئويۇن قويدى، بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، سىياسىي مۇناسىۋەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تېزلىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان ئاخىرى بىر كۈن مۇستەقىللىققە ئېرىشىدۇ. (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت