13 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇھىم تەكلىپلەر مۇزاكىرە قىلىنماقتا


2007.08.09

13-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيى ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوخرى شەھىرىدىكى مېتروپول مېھمانخانىسىدا داۋام قىلماقتا. قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 4 گۇرۇپپا بۇيىچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىشقا تىرىشماقتا.

بۈگۈنكى مۇزاكىرە ئىقتىسات، تىل، ئەدەبىيات-سەنئەت، دىن ۋە سىياسەت تۈرلىرى بۇيىچە 4 گۇرۇپپىدا ئېلىپ بېرىلماقتا. قۇرۇلتاي ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ مۇزاكىرىگە سۇنغان قارار لايىھىسى، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا چاقىرىش، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا تىل- مەدەنىيەت، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنى بېرىشكە چاقىرىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ماددىلارغا يەر بېرىلگەندىن باشقا 2008-يىلىنى پۈتۈن دۇنيادا 'مەخمۇت قەشقىرى يىلى' دەپ ئېلان قىلىشقا ئوخشاش تەكلىپلەرمۇ يەر ئالغان.

بۇ قۇرۇلتايغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى بىرلىكى باشلىقى تىبەت يۈجەتۈرك ھەر قايسى گۇرۇپپىلاردا سۆز قىلىپ بۇ قۇرۇلتايغا يېڭى تەكلىپلەر سۇنماقتا.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.