تۈرك ئىش بىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى تۈركىي مىللەتلەرگە ياردەم بېرىش يىغىنى چاقىردى


2007.01.12

تۈركىيە ئىش بىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى 18 دۆلەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋەكىللىرىنى ئەنقەرەگە چاقىرىپ يىغىن ئاچتى. تۈرك دۇنياسى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي بۇ يىغىندا تۈركىيىنىڭ تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە 2006-يىلى قىلغان ياردەملىرىنى خۇلاسە قىلىش، 2007-يىلىنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن توپلانغانلىقىنى ئېيىتتى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دۆلەت مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي تۈركىيە ئىش بىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىنى كۈچلۈك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۈچلۈك ياردەم قۇرۇلۇشى ھالىغا ئەكىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ كېلەچەكتىكى پىلانى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"تېخىمۇ كۈچلۈك بىر تۈركىيە ئۈچۈن سىرتتا بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، سەيپۇرۇس، كافكاسىيە ۋە بالقانلاردا، ئوتتۇرا شەرقتە بولسا پەلەستىن، ئافغانىستاندا، يېڭى بىر نوقتىمىز بولغان ئافرىقا دۆلەتلىرىدە تۈركىيىنىڭ ياردەم كۈچىنى كۈچەيتىمىز. بۇنداق قىلغاندا ھەم تۈركىيىنىڭ سىياسى كۈچىگە ياردەم بەرگەن بولىمىز، ھەم ئۇ يەرلەردىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۆھپە قوشقان بولىمىز. ھەمدە ئۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ تۈركىيىگە بولغان سۆيگۈ مۇھەببىتىنىڭ ئارتىشىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىمىز".

تۈركىيە ئىش بىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ياردەم قىلىش مەقسىتى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. كېيىن، بۇ ئىدارە زورىيىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان تۈركىي مىللەتلەر ۋە مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىدىغان بىر قۇرۇلۇش ھالىغا كەلدى. ھازىرغىچە TIKA نىڭ 18 دۆلەتتە ئىش بېجىرىش ئورنى بار بولۇپ، تۈركىي مىللەتلەر بار بولغان رايونلاردىن پەقەتلا ئۇيغۇر رايونىدا يوق. ئىشەنچلىك مەنبەدىن ئالغان مەلۇماتقا قارىغاندا، تۈرك ئىش بىرلىكى ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى ئۈرۈمچىدە ئىش بېجىرىش ئورنى ئېچىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاپ ئالالمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەر ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىدىكى تۈركىي مىللەتلەر بىلەن تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان كۈنىمىزدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسەت قىلماسلىقىدىكى سەۋەپ نېمە؟ بۇ سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيە – خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسىس دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.