
يېقىندا تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى كابالچى نەشرىياتى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاتاقلىق تىلشۇناسى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئالەمشۇمۇل كىتابىنى ھازىرقى زامان لۇغەتچىلىك قائىدىسىگە مۇۋاپىق ھالدا قايتىدىن نەشر قىلدى.
"تۈركىي تىللار دىۋانى" 1939-يىلى تۈرك تىلى ئالىمى بېسىم ئاتالاي تەرىپىدىن تۈركچە نەشر قىلدۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزبېك، رۇس، قازاق، ئېنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنغان. 1980 يىللارنىڭ باشلىرىدا "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچىسى 3 توم قىلىپ نەشر قىلىنغان. "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ ئەسلى قوليازما نۇسخىسى ئىستانبۇلدىكى مىللەت كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىئايرى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى نەشرىنى تەييارلاشقا قاتناشقان سېچكىن ئەردى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.