مەھمۇت قەشقىرى يىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ۋە خىتايلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىتى


2008.02.19

تۈركىيىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان زامان گېزىتىنىڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى سانىدا `مەھمۇت قەشقىرىنى ئالدى بىلەن بىز خاتىرىلىسەك، ئاندىن دۇنيا خاتىرىلەيدۇ` ماۋزۇلۇق ماقالىگە يەر بېرىلدى. ماقالىنى ژۇرنالىست ئالى پەكتاش ئەپەندى يازغان بولۇپ، ماقالىنىڭ باش قىسمىغا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ رەسىمگە يەر بېرىلگەن. ماقالىنىڭ ئىككىنچى كىچىك تېمىسى بولسا، "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى يەنى UNESCOتەرىپىدىن مەھمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىنغان 2008-يىلىدا تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزمەكچى" دېيىلگەن.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەييارلىقلار قىلىنىۋاتقان كۈنىمىزدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتە قانداق بىر سىياسەت ئېلىپ بارماقتا ؟ 2008 ‏- يىلى مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

`مەھمۇت قەشقىرىنى ئالدى بىلەن بىز خاتىرىلىسەك، ئاندىن دۇنيا خاتىرىلەيدۇ` ماۋزۇلۇق ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: UNESCO، 2008-يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەھمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلدى. بۇ يىلنىڭ تۈركچىنىڭ تۇنجى لۇغىتى ۋە گرامماتىكا كىتابى بولغان` تۈركىي تىللار دىۋانى` ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرىگە ئاتالغانلىقى، تۈركىي تىللىرى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. دۇنيادا بىرلا نۇسخىسى بولغان بۇ ئەسەرنى ۋە بۇ ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى مەھمۇت قەشقىرىنى دۇنيادا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى 2008-يىلىدا بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى.

زامان گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە مەھمۇت قەشقىرى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان : 2008- يىلى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئورگىنالىنى نەشر قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق كىتاب كۆرگەزمىسىدە كۆرسەتمەكچى. مەھمۇت قەشقىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى مەقبەرىسىنى تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېڭىدىن ياساتماقچى. مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن چاقىرىلىدىغان تۇنجى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولسا، تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلماقچى. بۇ يىغىنغا گېرمانىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن باشقا رۇسىيە، تاتارىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەردىن بىلىم ئادەملىرى قاتناشماقچى. تۇنجى قېتىم تۈركىي تىللىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ بۇ ئەسەرنى يازغان مەھمۇت قەشقىرىنى پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەر ئۆزىنىڭ دەپ قارايدۇ. تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى مەھمۇت قەشقىرى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىنى، تۈركىيىدە ۋە پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆتكۈزگەندىن باشقا، مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغان جاي بولغان قەشقەردىمۇ ئۆتكۈزمەكچى.

ماقالىدە 2008-يىلى تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تۈرك تىلى قۇرۇلتىيىنىڭ مەھمۇت قەشقىرىگە ئاتاپ چاقىرىلىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دەپ يېزىلغان: تۈركىيە تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسىمۇ مەھمۇت قەشقىرىگە ئاتاپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ 4 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان تۈرك تىلى قۇرۇلتىيى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە چاقىرىلماقچى. بۇ قۇرۇلتايمۇ بۇ يىل مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا ئاتاپ چاقىرىلماقچى. تۈرك تىلى تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. شۇكرۇ خالۇق ئاقالىن، بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېلانلىرىدا تۈركىي تىللار داۋىنىدىكى خەرىتىنى ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ قۇرۇلتايغا پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركولوگلار تەكلىپ قىلىنماقچى. ( ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.