
ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا تۈركمەنىستان، ئازەربەيجان، گرۇزىيە، قىرغىزىستان، سىبىرىيە، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا تۈركولوگ قاتناشتى.
ئۇيغۇر تەتقىقاتى بولماي تۇرۇپ، تۈركولوگىيىدىن سوز ئېشىش مۇمكىن ئەمەس
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس، پروفېسسور، دوكتور سەما بارۇتچۇ ئوزوندەر، پروفېسسور، دوكتور زەينەپ قورقماس قاتارلىقلار سوز قىلدى. زەينەپ قورقماس سۆزىدە تۈركولوگىيە تەتقىقاتنىڭ تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، قەدىمقى بۇددىست، مانى دىنى ئۇيغۇر تېكىستلىرىنىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئەھمىيىتىنى دېدى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بولماي تۇرۇپ، تۈركولوگىيىدىن سوز ئېشىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
پروفېسسور، دوكتور سەما بارۇتچۇ ئوزوندەر، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇقتىدا سوز قىلىپ مۇنداق دېدى:
"ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىمىز 2002-يىلىدا باشلىدى. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ھازىرقى زامان تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، سەنئەت تارىخى، ئارخېئولوگىيسى شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئورنى قاتارلىق بىر يۇرۇش مەسىلىلەر مۇلاھىزە قىلىنىدۇ. بۇ يىغىنغا تۈركىيىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ھەتتا ياپونىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دولەتلەردىنمۇ ئىلىم ئادەملىرى كېلىپ قاتنىشىۋاتىدۇ. بۇ يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىنى ماقالىلەر توپلىمى شەكلىدە نەشىر قىلىۋاتىمىز. يىغىنىمىز ھەر يىلى 5-ئايدا چاقىرىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىلەر خېلى سالماقنى ئىگىلىدى

بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەردىن غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئەرتۇغرۇل يامان ئەپەندى "تۈركىستاندىن تۈركىيىگە سوز كۆۋرۈكلىرى’، ئانكارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت "ئۇيغۇرلاردا لەتىپە"، دوكتور ئاخمەت بىرجان ئەرجىلاسۇن بولسا ‘ئوغۇزنامە داستانىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارىخى’، ئۇيغۇر تۈركولوگ مەخپىرەت يۇنۇسوغلى خانىم بولسا ‘تۈركچىدىكى يول سۆزىنىڭ كەڭ مەنىسى’ ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ئوقۇدى.
يىغىندا يەنە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۇشلەر بۇلدۇق ئەپەندىنىڭ ياقۇپخان بەدۆۋلەتى ۋە ياقۇپنامە ماقالىسىنى، پروفېسسور نەجات دىيارباكىرلى ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ساياھەت خاتىرىلىرىم ناملىق ماقالىسى سۇنۇلدى.
يىغىن جەريانىدا يەنە ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئانكارا شۆبىسىنىڭ ياردىمى بىلەن يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم كېچەك، ساز چالغۇلىرى يىغىن ئەھلىگە كۆرگەزمە قىلىندى.
يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ماقالە
يىغىندا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئۇشلەر بۇلدۇق ئەپەندىنىڭ ياقۇپخان بەدۆۋلەتى ۋە ياقۇپنامە ناملىق ماقالىسى يىغىن ئەھلىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ماقالە موسكۋا ئارخىپلىرىدا ساقلانغان ياقۇپخان بەدۆۋلەتى ھەققىدىكى بەزى قوليازمىلارغا ئاساسلىنىپ ھازىرلانغان بولۇپ، ياقۇپخان بەدۆۋلەتىنىڭ قانداق بىر شەخىس ئىكەنلىكى، 1861-يىلىدا قەشقەرىيە دۆلىتىنى قانداق قۇرغانلىقى ۋە تارىخچىلارنىڭ ياقۇپخان ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىغا يەر بېرىلگەن. ئۇ سۆزىدە قەشقەر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
1863 – 1864 - يىللىرىدا قوقەن خانلىقى چاررۇسىيە تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار، تۇڭگانلار، مانجۇلارغا قارشى قوزغىلاڭلارنى چىقاردى. بۇ قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاندا دۆلەتلەر قۇرۇلدى. قوقەن خانلىقى رۇسلار تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىن، قەشقەردە مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلدى. ياقۇپخان بەدۆۋلەتى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 14 يىل مابەينىدە ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ ئەمما ياقۇپخان بەدۆۋلەتى ھەربىيلىكتىن كېلىپ چىققان بولغاچقا بۇ دۆلەتنى ئىنتايىن قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى بەگلىكلەر ياقۇپخانغا قارشى چىقىشقا باشلايدۇ. ياقۇپخان بەدۆۋلەتى 1877-يىلىدا بەزى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە زەھەر ئىچىپ ئۆلىۋالغان، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە خىتايلار تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپخاننىڭ ئۆلۈمى بىلەن تەڭ قەشقەرىيە دۆلىتىمۇ ھالاك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتايلار بۇ رايوننى قايتىدىن ئىشغال قىلىدۇ.
دوكتۇر ئۇچلەر بۇلدۇق ئەپەندى سۆزىدە يەنە چەتئەللىك تارىخچىلارنىڭ ياقۇپخان بەدۆۋلەتى ھەققىدە يازغانلىرىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مەمەت ئىمىن بۇغرانىڭ ياقۇپخان بەدۆۋلەتى ھەققىدە يازغان خاتىرلىرىنىمۇ ئاڭلاتتى.