تۈركىيە ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان كۈنلىرى» نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى خىتاي مەدەنىيەت يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نەجمەددىن چۇھادارئوغلۇ ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سوغا تەقدىم قىلدى. 2012-يىلى 6-مارت، تۈركىيە.
نەجمەددىن چۇھادارئوغلۇ ئەپەندىگە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سوغا تەقدىم قىلدى. 2012-يىلى 6-مارت، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدا «شەرقىي تۈركىستان كۈنلىرى» ماۋزۇلۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ئىجتىمائىي ھەمكارلىق كۇلۇبى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتە ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. 3 كۈن داۋاملاشقان بۇ كۆرگەزمىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر قويۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئېچىنىشلىق رەسىملەر كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىدى. 3 كۈن جەريانىدا كۆپ ساندا كىشى بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى زىيارەت قىلغان.

«كۆڭلى يېرىم شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 6-مارت، تۈركىيە.
«كۆڭلى يېرىم شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن كۆرۈنۈشى. 2012-يىلى 6-مارت، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابانجى مەدەنىيەت زالىدا «كۆڭلى يېرىم شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.

ئەرجىيەستە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىندا، 4 ياشلىق مۇجاھىت قەشقىرى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە شېئىر ئوقۇپ كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. 2012-يىلى 6-مارت، تۈركىيە.
ئەرجىيەستە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىندا، 4 ياشلىق مۇجاھىت قەشقىرى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە شېئىر ئوقۇپ كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. 2012-يىلى 6-مارت، تۈركىيە. RFA/Erkin Tarim

يىغىندا تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قاناللىرىدىن بىرى بولغان Show TV قانىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تالانت ئۆزىڭىزدە» ناملىق خەلقئارالىق مۇسابىقىدە زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن 4 ياشلىق مۇجاھىت قەشقىرى ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە ئەنقەرەدىن قەيسەرىگە كېلىپ شېئىر ئوقۇپ كىشىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. كېيىن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. دوكلاتتىن كېيىن «تۈركىيە ت ر ت»، «كۆن» ۋە «قانال ئا» تېلېۋىزىيىسىنىڭ قەيسەرىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىقىنى قىلىۋاتقان نەجمەددىن چۇھادارئوغلۇ ئەپەندىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مېدال تەقدىم قىلدى. نەجمەتتىن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە خەۋىرى ئىشلىگەن. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت