
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەركىزى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ يېقىندا زەيتۇنبۇرنۇ رايونىغا بىر شۆبىسى قۇرۇلدى. زەيتۇنبۇرنۇ رايونى ئۇيغۇر ئېلىدىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى.
2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، زەيتۇنبۇرنۇ رايونىغا قۇرۇلغان شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى. ئېچىلىش مۇراسىمغا ئىستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن جەمئى 200 دىن ئارتۇق مۇھاجىر قاتناشتى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ھەققانىي ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.
مۇراسىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك، زەيتۇنبۇرنۇ رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن، زەيتۇنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەجلىسىنىڭ ئەزاسى ۋە شەھەر باشلىقىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئىلياس ساكا، ھارماس - تالماس پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەي ھاجىم ئارتۇشى، ئوت يۈرەك شائىرە سىيىتىنسا لوقمان قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ شۆبىسى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ھەققانى ئەپەندى شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنىغا شۆبە ئېچىشتىكى مەقسىتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:" شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ھەر ساھەلەردە خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، پائالىيىتىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرماق، تەرەققىي قىلدۇرماق، مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ساھىپ چىقماق مەقسىتىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدا شۆبىمىزنى ئاچتۇق بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ياخشى نەتىجىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئاللادىن تىلەيمىز."
زەيتۇنبۇرنۇ رايونىنىڭ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:" شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ شۆبىسى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، جەمئىيەت مەسئۇللىرىغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، جەمئىيىتىڭلارنىڭ ئىسمى ناھايىتى گۈزەل قويۇلغان. "شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى"، زەيتىنبۇرنىغا شۆبە ئېچىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان شەخسنىڭ ئەقلىنى ئاللاھ تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن. ناھايىتى ھەل قىلغۇچ مۇھىم بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان، چۈنكى زەيتۇنبۇرنۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈرك سىستېمىسىدىكى قېرىنداشلار ئولتۇراقلاشقان رايون، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ رايوننى كېچىك بىر تۈرك دۇنياسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ رايوندا كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قېرىنداشلامۇ ئولتۇراقلاشقان."
شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن يەنە مۇنداق دېدى:" بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ياخشى تونۇيمىز، مېنىڭ باش مەسلىھەتچى ئىلياس ساكامۇ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ كەلدى، بىز يېقىندا 'تۈرك بەلگىسى' ئىسىملىك بىر فىلىم ئىشلەپ چىقتۇق، بۇ فىلىمنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن 3 يىل ۋاقىت كەتتى. بۇ فىلىم شەرقىي تۈركىستان ئەھۋالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 27 - كۈنى بۇ فىلىمنى كۆرسىتىش مۇراسىمى بولىدۇ، ھەممىڭلارنىڭ بۇ مۇراسىمغا قاتنىشىشىڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن. مەن زەيتۇنبۇرنۇ رايوننىڭ شەھەر باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن. خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن." (ئارسلان)