مۇسا ئەپەندى: تۈركىستان پاجىئەسى (5)

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدا قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرگە ۋە سابىت داموللا رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان مۇسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ " تۈركىستان پاجىئەسى" ماۋزۇلۇق ئەسلىمە كىتابىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئائىت بىر قاتار تەپسىلاتلارنى تونۇشتۇرىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.01.12
turkistan-fajiesi-kitap-305.jpg ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ " ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﯨﺴﻰ.
RFA / Arslan

ھۆكۈمەت قۇرۇش يىغىنى

مۇسا تۈركىستانى ئۆزىنىڭ "تۈركىستان پاجىئەسى" ناملىق ئەسلىمە كىتابىدا، تۆمۈر ئېلى قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇڭگانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەمدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ قايتىدىن ما جەنساڭنىڭ قولىدىن قەشقەرنى ئازاد قىلىپ، سابىت داموللامنىڭ باشچىلىقىدا مۇستەقىل ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن تەپسىلاتلارنى بايان قىلىدۇ.

مۇسا تۈركىستانىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلىسىدە " ئىستىقلال جەمئىيىتى" مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بىر كۈنى ئىستىقلال جەمئىيىتى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزىدۇ. قۇرۇلتايغا ئىستىقلال جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن باشقا يەنە بارلىق ئەلەمدار ۋە قەلەمدارلار توپلىنىدۇ.

مۇسا ئەپەندى كىتابىدا ئەشۇ دۆلەت قۇرۇلۇش يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، " قۇرۇلتايدا ھەممە بىردەك ھالدا نۆۋەتتە قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت ئىشى ۋە ئۇنىڭغا كېتەرلىك خىزمەتلەر مەسىلىسى ھەم دۆلەت تەشكىلاتى ۋە باشقىلارنى مۇزاكىرە قىلىپ، ئاخىرى بىردەك ھالدا دۆلەت نامىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ بېكىتىش قارار قىلىندى، ئارقىدىن تۈرلۈك قۇرۇلۇش لايىھىلەر تۈزۈلدى. ھۆكۈمەت كابىنېت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى" دەپ بايان قىلىدۇ.

مۇسا ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، بۇ مەجلىس شۇ كۈنى كەچكىچە داۋاملىشىپ، دۆلەت قۇرۇش لايىھىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەتىسىگە قالىدۇ ھەمدە ئەتىسى ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئىشلارغا ئالاقىدار كىشىلەر قايتىدىن توپلىنىپ، بىرىنچى قارار بويىچە شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇشقا قوشۇلغانلىق ئىمزالىرىنى قويۇشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا تامغا - مۆھۈرلەر بېسىلىدۇ. دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى، ئوفىتسېرلىرىنىڭ سانى 35 كىشىگە يېتىدۇ.

ھۆكۈمەتكە سايلانغان مەزكۇر 35 نەپەر ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەرباب ئايرىم - ئايرىم ھالدا "قۇر' ئانى كەرىم" نى تۇتۇپ، بىردەك قەسەم ئىچىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلار بىر - بىرىنى تەبرىكلىشىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى مۇبارەكلىشىدۇ.

جۇمھۇرىيەت كۈنىدىكى قاينام - تاشقىنلىق مەنزىرە

مۇسا تۈركىستانى " ئەتىسى ھەربىي قوماندانلار، مۈلكى ئەمەلدارلار، يۇرت نامايەندىلىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى، ئىستىقلال جەمئىيىتى، نەشىريات، مائارىپ جەمئىيىتى، ھىلال ئەخمەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، دارىلمۇئەللىمىن ئوقۇغۇچىلىرى مىللىي مارش ئېيتىپ، تۈمەن دەرياسى بويىغا يېتىپ كېلىپ، يىغىن مەيدانىغا توپلىنىدۇ. ئەسكەرلەردىن يەتتە مىڭ، خەلقتىن 13 مىڭ بولۇپ جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، مۇراسىمغا قاتناشتى، مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت قۇرۇلۇش باياننامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى" دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

باياننامىنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللام ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ بۇ دۆلەتنىڭ رەھبىرىي سىستېمىسى ،دۆلەت تۈزۈلمىسى ھەمدە تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىتى، دۆلەت قۇرۇشتىكى مەقسىتى ھەم باشقىلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ .

مۇسا ئەپەندى دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا خەلقنىڭ قاينام - تاشقىنلىق ھېسسىياتقا چۆمگەنلىكى، ھەممە ياقنى خۇشاللىق ، تەنتەنە خىتابلىرى قاپلىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئۆزلىرى قوللىرىدا تۇتۇشنىڭ كاپالىتى ھېسابلانغان مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن ھاياجان ياشلىرىنىڭ تۆكۈلگەنلىكىنى جانلىق تەسۋىرلەيدۇ.

جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلغان مۇسا ئەپەندى ئۆز بايانلىرىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: " باش ۋەكىلنىڭ خىتابى تامام بولغاندىن كېيىن يەنە باشقا دۆلەت رەھبەرلىرىمىز سۆزگە چىقىپ تەنتەنىلىك سۆزلە بىلەن ئۆز تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئارقىدىن شادلىق مۇراسىمى باشلىنىپ، مىللىي مۇزىكا چېلىنىشقا باشلىدى. قىرىق بىر پاي توپ ئوقى ئېتىلدى. توپ ئېتىلغان ھامان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، مىللىي كۆك بايرىقى ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى، ئاي يۇلتۇزلۇق مىللىي كۆك بايرىقىمىز كۆك باغرىدا لەپىلدەشكە باشلانغان بۇ سائەتتە ئىختىيارسىز تارىختىكى شان - شەۋكەتلىك ھاكىمىيەت دەۋرلىرىنى ئەسلىتىپ تۇردى. ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار دۆلەت مارشىنى ئورۇنلىدى."

بەختلىك مىنۇتلاردىكى خۇشاللىق كۆز ياشلىرى

مۇسا ئەپەندى، جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنغان مەيداندىكى كەيپىياتنى مۇنداق تەپسىلىي تەسۋىرلەيدۇ:

"بۇ كۈنى مەيدانغا توپلانغان كىشىلەرنىڭ روھى كەيپىياتى باشقىچە ئىدى. خۇشاللىقىدىن كۈلۈپ تۇرغان چېھىرلەرنى، ئۆزىنى تۇتۇلماستىن يىغلاپ تۇرغان شاد كۆزلەرنى 'يا ئاللا بۇ بەختلىك كۈنلەرگىمۇ ئۇلۇشىدىكەنمىز، خۇدايىمغا تۈمەن مىڭ شۈكرە'! دەپ ئۆتمۈشنىڭ قارا تۇتقۇنلۇق دەۋرىگە نەپرەت ياغدۇرۇپ تۇرغان كىشىلەرنى ھەر يەردە كۆرگىلى بولاتتى. خۇشاللىقىدىن سەرخۇش بولۇپ ھەيرەت كۆزلىرى بىلەن نامايىشقا پۈتۈن بارلىقى بىلەن بېرىلىپ، قاراپ قالغان يۇرتداشلارنى بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن ھاڭ تاڭ قالدۇرماقتا ئىدى. چېلىنىۋاتقان مىللىي مۇزىكىلار ۋە گۈمبۈرلەپ ئېتىلىۋاتقان شادىيانە توپلارنىڭ ئاۋازى يىراق - يىراقلارغا كەتمەكتە ئىدى. باياننامە تارقىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، خەلق ئۇنى توپ - توپ بولۇپ، ئوقۇشۇپ بىر - بىرىگە چۈشەندۈرۈشۈپ، ئۆز كۆڭۈللىرىنى كۆتۈرۈشمەكتە ئىدى. شۇ ئەسنادا نامايىشچىلار توپى شەھەر سىرتىدىكى تۈمەندىن شەھەر ئىچىگە قاراپ يۈرۈشكە باشلىدى، ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ باشچىلىقىدا ئۇدۇل ھېيتگاھ مەيدانىغا كېلىپ توختىدى. دەسلەپ باش ۋەكىل سابىت داموللام ئاندىن كېيىن ھەر قايسى نازىرلار، ناتىقلار تەشۋىقاتكبھىلار ئارقىدىن ساراينىڭ ئۆگزىسىدىكى پەشتاققا چىقىپ، سۆز قىلدى. سۆز قىلىۋاتقان شۇ پەيتتە قەشقەردىكى قوراللىق قىسىملار سەپ - سەپ بولۇپ ئاتلىق ۋە پىيادە ھالدا ھېيتگاھ مەيدانىدا كۆرەكتىن ئۆتۈپ تۇردى."

مانا بۇ 1933 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى، قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش مۇراسىم پائالىيىتىگە بىۋاسىتە قاتناشقان مۇسا ئەپەندىنىڭ نەق مەيدان تەسۋىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسا ئەپەندىنىڭ يېزىشىچە، مۇراسىم بولۇپ، بىر قانچە كۈندىن كېيىن نازىرلار مەجلىسىنىڭ بىرىنچى يىغىنى ئېچىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەم خىزمەتلەرنى باشلاشنىڭ كونكرېت چارە - تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.