تۈركىيىدە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى" تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى


2004.12.27
turkiye-20041223.jpg

23-دېكابىر كوجائېلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا "شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى" تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باشلىقى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرى رەئىسى، پېنسىيىگە چىققان گېنېرال مۇھەممەت رىزا بېكىن "شەرقىي تۇركىستان بۈگۈنكى مەسىلىلىرى" تېمىسىدا، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ باش سېكرىتارى ھامۇت كۆكتۈرك بولسا "تارىختىن بۈگۈڭىچە شەرقىي تۈركىستان تېمىسىدا سۆز قىلدى.

يىغىنغا كوجائېلى ئۇنىۋېرسىتىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروففېسور ھەسرەت چوماق ئەپەندى رىياسەتچىلىق قىلدى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ يىغىننىڭ ئىچىلىشتىكى مەقسىتىنىڭ "شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىلىرىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش، خەلقارا مۇناسىۋەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، شەقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ ھەقلىق كۈرىشىگە ياردەم بېرىش" ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گېنېرال مۇھەممەت رىزا بېكىن ئەپەندى قىلغان سۆزىدە دۇنيادا ھېچبىر ئەسىر مىللەتنىڭ قالمىغانلىقى، پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلارنىڭ ئاسارىتى ئاستىدا ياشۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، خىتايلارنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.