تۈركىي دۆلەتلەر باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى


2006.11.21

8 - نۆۋەتلىك تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ئالىي يىغىنى تۈركىيىنىڭ ئانتاليا شەھىرىدە ئاخىرلاشتى. تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئاھمەت نەجدەت سەزەرنىڭ ساھىپخانلىقدا چاقىرىلغان يىغىنغا قازاقىستان دۆلەت باشلىقى نۇرسۇلتان نازاربايېف، ئازەربايجان دۆلەت باشلىقى ئىلھام ئالىيېف، قىرغىزىستان دۆلەت باشلىقى قۇرمانبەگ باكىيېۋ قاتارلىقلار قاتناشتى. بۇ قۇرۇلتاينىڭ 8-سى بەش يىل ئارىدىن كېيىن چاقىرىلغان بولۇپ، تۈركمەنىستان بۇيۇك ئەلچى سەۋىيىسىدە ۋەكىل ئەۋەتكەن. ئۆزبېكىستان باشتا ۋەكىل ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، يىغىن باشلىنىشقا ئاز قالغاندا ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىل قاتناشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ 20-چەسلادىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، ئۆزبېكىسىتاننىڭ ۋەكىل ئەۋەتمەسلىكىدىكى سەۋەپ، تۈركىيىنىڭ ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىگە بەرگەن ياردىمى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەيارلانغان دوكلاتنى قوللىشى ئىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئاھمەت نەجدەت سەزەردىن باشقا يەنە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۇلمۇ قاتناشتى. جۇمھۇر رەئىسى ئاھمەت نەجدەت سەزەر سۆزىدە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئوز ئارا مەبلەغ سېلىش، تىجارەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە ئارتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

"تۈركىيىدىكى چوڭ قۇرۇلۇشلارنى قەرىنداش جۇمھۇرىيەتلەرگە مەبلەغ سەلىشقا قىزىقتۇرىۋاتىمىز. ئوخشاشلا قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئىش ئادەملىرىنىڭمۇ تۈركىيىگە مەبلەغ سېلىشىدىن مەمنۇنلۇق ھەس قىلىمىز. باشتا ئەنىرگىيە، ترانسپورت، ئۇچۇر ئالاقە، ساياھەتچىلىك بولۇش بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئىش بىرلىكىنى ئىكى تەرەپتىن شۇنداقلا كوپ تەرەپلىمىدىن قوللاش ئارىمىزدا قۇرۇلغان بۇ كۆۋرۈكنىڭ تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق".

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تۈركىي مىللەتلەر بىرلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى

ئازەربايجان دۆلەت باشلىقى ئىلھام ئالىيەۋمۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پاراۋانلىقنىڭ ئىقتىسادنىڭ كۈچلەندۈرۈلۈشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

"ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۇر يول ياساش پىلانىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلىۋاتقان سۇننى مەسىلىلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك بولىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئىش بىرلىكى ھەم دۆلىتىمىز ئۈچۈن ھەم رايونىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ تۇرماقتا".

ئۇ يەنە بىر تۈركىي مىللەتنىڭ مەسىلىسىنىڭ پۈتۇن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

يىغىنغا قاتناشقان قازاقىستان جۇمھۇر رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايەف سۆزىگە مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ ‘تۈركنىڭ تۈركتىن باشقا دوستى يوقتۇر’ دېگەن سوزى بىلەن باشلىدى. تۈركىي تىللاردا سوزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا سىياسەت، سەنئەت ۋە بىلىم ئادەملىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ‘ئاقساقاللىقلار كومىتېتى’ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكلىپ قىلغان نۇرسۇلتان نازاربايەف، كومىتېتنىڭ بېشىغا تۈركىيەنىڭ 9. جۇمھۇر رەئىسى سۇلايمان دەمىرەلنىڭ كېلىشى كېرەكلىكىنى ھەم دېدى. نۇرسۇلتان نازاربايەف بۇرۇنمۇ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىرلىكىنى دەرھال قۇرۇپ چىقىش كەرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

قىرغىزىستان جۇمھۇر رەئىسى قۇرمانبەگ باكىيېۋ تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىش بىرلىكىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى دېدى.

يىغىن باشلىقلارنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقلىرىدىن كېيىن، ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە داۋام قىلدى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا بىر قارارنامە ماقۇللانغان بولۇپ، قارارنامە ئىراقنىڭ زەمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىراقتىكى تۈركمەن قەرىنداشلارغا ياردەم قىلىش، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوز ئىچىگە ئالغان.

يىغىن كۈتۈلگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىدى

بىز يىغىن ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى ئانار خانىمنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئالدۇق. ئۇ، بۇ يىغىندا كۈتۈلگەن نەتىجىنىڭ چىقمىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

بىز بۇ يىغىندا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى يىغىلىپ ناھايىتى مۇھىم قارارلارنى ئالىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان ئىدۇق. ئەمما ئۆزبېكسىتاننىڭ قاتناشماسلىقى، تۈركمەنىستاننىڭ ئەلچى سەۋىيىسىدە ۋەكىل ئەۋەتىشى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇنداق يىغىنلار چاقىرىلىپ ناھايىتى مۇھىم قارارلار ئېلىنىپ تۈرك دۇنياسى ئۇچۇن چوڭ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان ئىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى يىغىندىنمۇ بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلەرنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ھەرقانداق تۈركىي مىللەتنىڭ مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكى ۋە پۈتۈن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. ھەتتا ئىراقتىكى تۈركمەن، قاراباغدىكى ئازەرىلەرنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە قارارلار ئېلىندى. ئەمما ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىدى، بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلغان ئانار خانىم مۇنداق دېدى:

"كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسىمۇ بۇ خىل يىغىنلاردا كۇن تەرتىپكە كەلىشى مۇمكىن. بۈگۈن پەقەتلا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭلا ئەمەس، نۇرغۇن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى بار. گەرچە تۈرك بىرلىكى قۇرۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ تىلغا ئەلىنماسلىقى تۈرك بىرلىكى پىكرىنىڭ پەقەتلا قەغەز ئۈستىدە قالغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. سىپېرۇس مەسىلىسى، قاراباغ مەسىلىسى، ئىراق تۈركمەنلىرى مەسىلىسى بۇ خىل يىغىنلاردا مۇزاكىرە قىلىنسىمۇ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق، كونكرېت بىر خىزمەتنىڭ يوقلىقىنى كۆرىۋالالايمىز". (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.