8- نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەت بايرىمى باشلاندى
2005.07.15
15-ئىيۇل كۈنى تۈركىيىنىڭ يالوۋا شەھىرىدە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 8-نۆۋەتلىك مەدەنىيەت بايرىمى باشلانغان بولۇپ، بايرامغا 24 تۈركىي مىللەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمىيىتى ۋاكالىتەن قاتناشقان.
مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يالوۋا شەھىرىنىڭ باشلىقى، تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى، ئىدارە – جەمىيەت باشلىقلىرى ۋە تاماشىبىنلار بولۇپ 5000 چە ئادەم قاتناشتى.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia