تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدە قىلغان سوزى
2006.09.26
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ 9 - ئاينىڭ 18 - كۇنى ئانتاليادا چاقىرىلغان 10 - نوۋتەلىك تۈرك دۇنياسى دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيىدا قىلغان نۇتقى تۈركىيىدە مۇنازىرە ياراتتى. ھەرقايسى گېزىتلەرنىڭ ئوبزورچىلىرى بۇ سۆزلەر ھەققىدە بەس - بەستە ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. تۈركىيىدە دىنچى پارتىيە دەپ بىلىنىدىغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئۆزىنىڭ ئەرەپ دۇنياسىغا بولغان يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان ئىدى. بۇ پارتىيە داۋاملىق تۈركىيىدىكى مىللەتچى گۇرۇپپىلار ۋە ئۆكتىچى پارتىيىلەر تەرىپىدىن تۈرك دۇنياسىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك بىلەن تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما ئەردوغاننىڭ ئانتاليادا چاقىرىلغان 10 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلتىيىنى بىۋاستە ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ چاقىرتىشى ۋە پۇتۇن مىنىستىرلىرى بىلەن كېلىپ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزلىرى بىلەن ئۇ ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇردى. بەزى ئوبزورچىلار رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ سايلام يېقىنلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن مىللەتچى خەلقنىڭ رايىنى ئېلىش ئۈچۈن ئويۇن ئوينىغانلىقىنى دېيىشمەكتە.
تۈرك دۇنياسى بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ غۇلغۇلا قوزغىغان بۇ نۇتقى تۆۋەندىكىچە.
رەجەپ تايىپ ئەردوغان سۆزىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە سوز ئىگىسى بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
"يا باشقىلار تۇزۇپ بەرگەن سىياسەتكە دەسسەيدىغان پاسسىپ ئۇنسۇر بولىمىز، ياكى دۇنيا سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان چوڭ كۈچلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىمىز. بىز قەدىمى تارىخقا ئىگە بولغان، تارىخقا يۆلىنىش بەرگەن مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىمىز. مەرھۇم ھەيدەر ئالىيېفنىڭ دېگىنىدەك بىز تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بىر مىللەت ئىككى دۆلەتمىز. بىز تارىخ ياراتقان ۋە تارىخ يازغان مىللەتمىز. دۇنيادىكى دۆلەتلەر دۇنياۋى كۈچكە ئىگە دۆلەت ۋە رايون خاراكتېرلىك كۈچكە ئىگە دۆلەت دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئەسلىدە بۇنى دەۋىر ۋە تارىخ خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەت دەپ ئايرىشقىمۇ بولىدۇ. بەزى مىللەتلەر دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاجىزلاپ ئەسلىدىكى كۈچىنى يوقىتىدۇ، بەزىلىرى بولسا تۇيۇقسىز باش كۆتۈرىدۇ. ئەمما بىز تۈركىي مىللەتلەر ئۇنداق تاسادىپىلىقلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان بىر مىللەت ئەمەس، تارىخى كۈچكە ئىگە بىر مىللەتمىز".
باش مىنىستىر ئەردوغان سۆزىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە مىللەتلەرنىڭ تۈركىيىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئالاھىدە يەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
"سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئىمكان ۋە پۇرسەتلەر بىز ئۈچۈن يېڭى ۋە پارلاق بىر دەۋرنىڭ بېشارىتىدۇر. تۈركىي جۇمھۇرىيەت ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزدە ئالاھىدە ئورنى بار. بۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئەسكىرى، تىجارى، ئىقتىسادى، سىياسى مەنپەئەت كۈتمەيمىز. بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بىز ئۈچۈن بىر تارىخى مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت"
باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈركىيە تۈركلىرى بىلەن باشقا تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئاناتولىيە تۈركلىرى بىلەن كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى تۈركىستان جۇغراپىيىسىدە ياشايدىغان تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا كېيىنكى يۇز يىلدا بەزى بوشلۇقلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. پەقەتلا ئازەربايجان تۈركلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە داۋام قىلغان ئىدى. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كوپى ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىن كېيىن مانا كۆرگىنىمىزدەك ھەممىمىز بىر يەردە ئولتۇرۇپتىمىز. 21 - ئەسىر قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ پۇرسەتتىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك".
باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان تۈرك بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
"فرانسۇزچە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكى، ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكى، ئىسپانچە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكى دېگەن بۇ بىرلىكلەر مانا مۇشۇ چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئۇنداقتا نېمىشقا بىزلەرمۇ تاشقى سىياسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ۋەزىپىلەرنى ئورتاقلىشىدىغان، بىر بىرىدىن كۇچ ئالدىغان مانا مۇشۇنداق بىر بىرلىكنى قۇرۇپ قىلمايلى؟ تۈركچە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكى بىزنىڭ خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە بولۇشىمىزغا، بۇنىڭ بىلەن خەلقلىرىمىزنىڭ مەنپەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىمىزغا، ھەمدە رايونىمىزدا تىنچلىقنىڭ بەرپا بولۇشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىدۇ. پۇتۇن قېرىنداش دۆلەت ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنى بۇ ھەقتە دەرھال قەدەم تاشلاشقا دەۋەت قىلىمەن".
باش مىنىستىر ئەردوغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق تۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن 3 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:
"مەن 3 تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. ئالدى بىلەن ئىقتىسادى ۋە تىجارى ساھەدە باشتا ئېنېرگىيە بولۇش بىلەن بىرلىكتە ئۆز - ئارا مەبلەغ سېلىشلەر كۆپىيىشى ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار بىر تەرەپ قىلىنىدىغان بىر كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەك. İككىنجىسى، مەدەنىي جەھەتتە تىل بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش كېرەك. ئۈچىنجىسى، ئورتاق تارىخىمىزنى يېزىپ چىقىپ، پۇتۇن تۈرك دۇنياسىدىكى مەكتەپلەردە دەرس كىتابى قىلىپ ئوقۇتۇشىمىز كېرەك. سىياسى جەھەتتە بولسا تۈركچە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىرلىكى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك".
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 10 – نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت ۋە مىللەتلەر يىغىنى قارارنامىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يەر بېرىلدى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى 10 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيىدا
- 10-نۆۋەتلىك تۈركىي دۆلەت ۋە تۈركىي مىللەتلەر دوستلۇق قېرىنداشلىق ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى رەسمىي باشلاندى
- تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ماۋزۇلۇق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
- تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكى ھەققىدىكى پىكىرلەر كۆپەيمەكتە
- تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر بىرلىك قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟
- ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك دۇنياسى ياشلار قۇرۇلتىيىدا
- "ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىگە زەربە" ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت