ئەزەربەيجاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ئەڭ مۇھىم ساھەلەردىن بىرى بولۇپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئىنتايىن كۈچلەنگەن ئىدى. بۇ مەزگىلدە موسكۋا، سانپېتىربۇرگ، قازاقىستان قاتارلىق يەرلەردە ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۆپ ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەزەربەيجاندا بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار ئىنتايىن ئاز بولغان.
ئەزەربەيجان 1991-يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن، باكۇ مىللى كۈتۈپخانىسىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قوليازمىلار تەتقىق قىلىنىشقا باشلانغان. باكۇ دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تۈركولوگ پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى "تۈركىي تىللار دىۋانى" ۋە "قوتادغۇبىلىك" ناملىق ئەسەرلەرنى ئەزەرىچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر "تۈركىي تىللار دىۋانى" نى رۇسچىگە تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان. تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيىگە كەلگەن پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىدە مەخسۇس پروگراممىغا قاتنىشىپ تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرگە ئۆزىنىڭ "تۈركىي تىللار دىۋانى" ۋە "قوتادغۇبىلىك" ھەققىدىكى تەتقىقاتى ۋە بۇندىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ئىلمى تەتقىقاتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە ئەزەربەيجاندا بۇندىن كېيىن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۇيغۇرلار ناملىق كىتاۋىنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشىر قىلدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
"تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئەسەرنىڭ ئەزەربەيجاندا نەشىر قىلىنىشىغا تۈركىيىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم ھەل قىلىپ بەرگەن بولۇپ، رامىز ئەسكەر ئەپەندى بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدە سۇلايمان دېمىرەل بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ياردىمى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتقانلىقىنى دېدى.
بىز ئەزەربەيجاندىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدە يەنىمۇ كۆپ مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن رادىئومىزغا زىيارەتكە كەلگەن پروفېسسور، دوكتور رامىز ئەسكەر ئەپەندى بىلەن زىيارەت ئېلىپ باردۇق.
- سىز "تۈركىي تىللار دىۋانى" ناملىق ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ تۈركىيە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى سىزنى مەخسۇس تۈركىيىگە تەكلىپ قىلدى، بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز قانداق؟
TRTint تېلېۋىزىيىسى مېنى باكۇدىن تۈركىيىگە تەكلىپ قىلدى. "تۈركىي تىللار دىۋانى" نى تەرجىمە قىلىپ باستۇرغانلىقىمنى ئاڭلاپتىكەن. مېنى مەخسۇس بىر پروگراممىغا چىقاردى، مەن ئۆزەمنىڭ ئەسەرلىرىمنى ئاڭلاتتىم. تۈركىيىدىكى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرگە "تۈركىي تىللار دىۋانى" ۋە "قوتادغۇبىلىك" ھەققىدە مەلۇمات بەردىم. بۇ ئەسەر قاچان، قەيەردە يېزىلغان، كىم يازغان، قايسى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان، ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى قاتارلىقلار ئۈستىدە ۋە مېنىڭ تەرجىمەم ھەققىدە مەلۇمات بەردىم.
- "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۈچۈن سىزگە ياردەم قىلغان تۈركىيىنىڭ سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل سىزنى قوبۇل قىلدى، رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل كىتاب ھەققىدە نىمىلەرنى دېدى؟
- سىزگىمۇ مەلۇم، كىتاب 2006-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەشىردىن چىقار- چىقماس بىر نۇسخىسىنى سابىق رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەلگە ئەۋەتتىم. 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سۇلايمان دېمىرەلنىڭ 82 ياشقا تولغان كۈنى ئىدى. كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىگە تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن دەپ يازغان ئىدىم. رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دېمىرەل كىتابنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ماڭا تېلېفون قىلىپ "ھاياتىمدا بۇنداق قىممەتلىك تۇغۇلغان كۈنى سوغىتى ئېلىپ باقمىغان ئىدىم"، دېدى. مەنمۇ ئۇنىڭغا "سىز بۇنىڭدىن قىممەت سوۋغاتلارنى ئالغانسىز"، دېدىم. ئۇ ماڭا جاۋابەن ئالدىم ئەمما بۇنداق مەنىۋىي قىممىتى يۇقۇرى سوغات ئېلىپ باقمىغان ئىدىم، دېدى. ناھايىتى كۆپ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتتى. تۈنۈگۈن ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلدىم. مەن تەرجىمە قىلغان "تۈركىي تىللار دىۋانى" ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن كىتاب ھەققىدە سۆزلەشتۇق، ئۇ ماڭا "تۈركىي تىللار دىۋانى" نىڭ قانچىلىك مۇھىم بىر ئەسەر ئىكەنلىكىنى، دېگەندىن كېيىن رۇسچە نۇسخىسىنىڭ نەشىر قىلىنىشىغىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى دېدى.
- سىز "قوتادغۇبىلىك" بىلەن "تۈركىي تىللار دىۋانى" نى تەرجىمە قىلغاندىن كېيىن تۈركىيىگە تەكلىپ قىلىندىڭىز، تېلېۋىزىيەلەرگە چىقىۋاتىسىز. نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارغا لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىنىۋاتىسىز، بۇ نېمىنىڭ ئىپادىسى سىزچە؟
- بۇ تۈرك مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمەت ۋە سۆيگۈنىڭ ئىپادىسىدۇر. بولۇپمۇ قاراخانىيلار دۆلىتى ۋە ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقىرىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. قەدىمقى تارىخىمىزگە، تىلىمىزگە، ئۆرپ- ئادىتىمىزگە كۆرسىتىلگەن ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.
- سىز قۇتادغۇبىلىكنىمۇ تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردىڭىز، بۇ ھەقتىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟
- 320 بەتلىك ئەسىرىم ئەزەربەيجان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ نەشىرىياتىدا نەشىر قىلىندى. مەن بۇ ئەسىرىمنى ھەقسىز ھالدا پۈتۈن ئەزەربەيجاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تارقاتتىم. بىر مەزگىلدىن كېيىن ھەممە كىشىلەر مېنى تەبرىكلەشكە باشلىدى. كىشىلەر "قوتادغۇبىلىك" نىڭ ئۇلۇغ ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق ئەمما ئىچىدە نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتۇق، ئوقۇغاندىن كېيىن قانچىلىك ياخشى كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق، دېيىشىپ كەتتى. "قوتادغۇبىلىك" بىر پەلسەپە ئەسىرىدۇر، دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئەخلاق پەزىلەتنى، خەلقنى قانداق بەختلىك قىلىش كېرەكلىكى بايان قىلىنغان بىر ئەسەر. بۈگۈن پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى، سىياسەتچىلىرى، بىلىم ئادەملىرى بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىشى كېرەك.
- ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە نېمە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىسىز؟
- بىز تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ئۇيغۇرلار" ناملىق كىتابىنى تەرجىمە قىلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئەزەربەيجان خەلقى بىلسۇن، ئۇنىڭدىن كېيىن قۇتلۇق شەۋكىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان مەزگىلدىكى يېڭى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرغان بىر ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىمىز كېرەك. مەن بۇلارنى يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن، ئەمما قولۇمدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە يېتەرلىك دەرىجىدە ماتېرىيال يوق، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ماڭا ماتېرىيال بەرسە مەن ئەزەربەيجاندا بۇلارنى نەشىر قىلىمەن. چۈنكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۆتمۈشۈمىزنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.