تۈركىيىدە بەشىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈركولوگىيە يىغىنى ئېچىلدى
2004.09.22
9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە بەشىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈركولوگىيە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، گوللاندىيە، خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى. بۇ يىغىننىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى، تۈركىيە باش مىنىستىرى ۋە بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتناشتى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.
©
2004 Radio Free Asia