ئابدۇللا گۈل تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە توختالدى
2004.09.29
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللا گۈل ب د ت نىڭ نيۇ - يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىغا قاتنىشىپ، تۈركىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرك خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتايغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ماقالىلار ئېلان قىلىندى.
تۆۋەندە تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بە ھەقتە تەييارلىغان خەۋىرىگە دىققەت قىلىڭ.
©
2004 Radio Free Asia