0:00 / 0:00
بۇشنىڭ قايتىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئامېرىكا – تۈركىيە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا قىزغىن مۇلاھىزىلەر بولدى.
ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بۇشنىڭ قايتىدىن سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كىمنىڭ پرېزىدېنت سايلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىگە تۇتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركلەرنىڭ ۋە تۇركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە بولغان قاراشلىرىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.