تۈركىيىنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى پائالىيەتلىرى

0:00 / 0:00
beshr-atalay-turkiye-200.jpg
بېشىر ئاتالاي ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. RFA ئەركىن تارىم.

بۈگۈن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي خەلقلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي ئەپەندى مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

دۆلەت مىنىستىرى بېشىر ئاتالاي ئەپەندى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيىنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادى، تىجارى، تېخنىكا ۋە مەدەنىي – مائارىپ جەھەتتىكى يارىدىمى ۋە ھەمكارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بېشىر ئاتالاي ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۇئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ئالاقاغا ئۆتىشى ئۈچۈن بەزى پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.