تۈركىيە مۇساپىرلار قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى
2005.08.10
تۈركىيە، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتمەيدىكەن.
بۈگۈنگىچە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن تۈركىيە، قانۇنلىرىنى ياۋرۇپا بىرلىكى دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنلىرىغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنىمۇ قوبۇل قىلىدىغان بولدى.
2005-يىلى 3-ئايدا يولغا قويۇلغان يېڭى قانۇنغا ئاساسەن، تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىرلار ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان لاگىرلارغا يەرلەشتۈرۈلىدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ باياناتچىسى مەتىن چوراباتىر ئەپەندى، بۇ ھەقتە زامان گېزىتىنىڭ 8-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى سانىغا بايانات بەرگەن.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىئايرى مۇزخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.