ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايس رەسمى زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلدى


2007.11.02

تۈركىيىگە كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس خانىم تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجان بىلەن ئۇچراشتى. ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئالى باباجان پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ئامېرىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كوندىلىزا رىسە خانىم بولسا ئامېرىكىنىڭ "پ ك ك تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تۈركىيە بىلەن ئورتاق دۈشمىنىمىز دەپ قارايدۇ. پ ك ك غا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق قىلىشىمىز كېرەك. مۇھىم رول ئويناشنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. بىزگە بۇ جەھەتتە سىلەرگە ياردەم قىلالايدىغان شەرت شارائىتنىڭ ھازىرلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز"، دېدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايس خانىمنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوگان ۋە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل قوبۇل قىلدى. تۈركىيە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى پاچاقلاپ تاشلاش ئۈچۈن شىمالىي ئىراققا ھۇجۇم ئېلىپ بارىمىز دەۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس خانىمنىڭ بۇ زىيارىتى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ زىيارەت جەريانىدا ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە قايسى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا ؟

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.