ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى چېنىي ئەنقەرەگە كەلدى


2008.03.24

DickCheney-150.jpg
ئامېرىكا دۆلەت باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى چېنىي، بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى تۈركىيىگە يېتىپ كەلدى. Source: www.whitehouse.gov

بىر ھەپتە بۇرۇن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە زىيارەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئامېرىكا دۆلەت باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى چېنىي، بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى تۈركىيىگە يېتىپ كەلدى. چېنىينى ئەنقەرە ئايروپىلان ئىستانسىسىدا ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى روسس ۋىلسون ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرلىكى رەھبەرلىرى كۈتۈۋالدى. دىك چېنىينىڭ بىخەتەرلىكىنى مىڭلارچە ساقچى قوغدىدى. چېنىي بىلەن بىرلىكتە ئايالى ليننە چېنىي ۋە قىزى ئەلىزابەتھ چېنىيمۇ تۈركىيىگە كەلدى.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 6 يىل بۇرۇن رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن دىك چېنىي، بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى باشلىقى ئورگېنېرال ياشار بۇيۇكانىت بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان 5 سائەتلىك زىيارىتىنى تاماملاپ ئىستانبۇل زىيارىتىنى باشلىدى.

تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا دىك چېنىينىڭ تۈرك رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ئۇچرىشىشلىرىدا، تۈركىيىنىڭ ئافغانىستانغا قوشۇمچە ھەربىي ئەۋەتىشى، پ ك ك بىلەن كۈرەش قىلىش، ئىران ۋە ئىراق مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئافغانىستاندا 2 تۈرلۈك ھەربىي قوشۇن بار. بىرى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە جەڭچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان قوشۇن، بۇلار تالىبانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچىسى بولسا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسىدىن تەركىپ تاپقان قوشۇن، بۇلار ئىنسانىي ياردەم خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرلىكتە كابۇلنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىماقتا. بۇ قوشۇننىڭ ئىچىدە تۈركىيىنىڭ 750 جەڭچىسى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.

تۈركىيە ئارمىيىسى باش شىتابى باشلىقى ياشار بۇيۇكانىت ئۆتكەندە بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئافغانىستانغا ئارمىيە ئەۋەتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: "تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشكە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا بىرمۇ ئەسكەر ئەۋەتەلمەيمىز. ئەگەر بىز ئەۋەتكەن جەڭچىلەر تېررورغا قارشى كۈرەشتە ئىشلىتىلىدىغان بولسا، ئۇ بىزنىڭ ياردەم ساھەمىزغا كىرمەيدۇ."

تۈركىيە ئارمىيىسى بۇ باياناتىدا ئافغانىستانغا ئارمىيە ئەۋەتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى دېگەن بولسىمۇ، بۈگۈن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالى باباجان مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا تۈركىيىنىڭ تەڭپۇڭ بىر سىياسەت ئېلىپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ئافغانىستانغا تۈرك ئارمىيىسىنى ئەۋەتىش مەسىلىسىنى ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە قارار قىلىمىز."

دىك چېنىي بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچمىدى. ئەمما بۇ ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان كۆپ ساندا مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، چېنينىڭ ئافغانىستانغا تۈرك ئارمىيىسىنى ئەۋەتىش تەلىپىگە تۈركىيىنىڭ ياق دېمىگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە سوغۇقچىلىق مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتكەندە تۈركىيىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى پ ك ك تېررورىستلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئەسكىرى ھەرىكىتىگە ئامېرىكىنىڭ رۇخسەت قىلغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىي 16-مارت كۈنى باشلىغان ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدە ئىراق، ئاممان، ئافغانىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىسرائىلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.