د ئۇ ق ۋەكىللىرى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلدى


2007.08.29

mehmet-shandir-200.jpg
زىيارەتتە، ئۇيغۇر ھەيئىتلىرى پارلامېنت ئەزاسى مەمەت شاندىر ئەپەندىگە كۆك بايراق ژورنىلى بىلەن ئۇيغۇر دوپپىسى سوۋغا قىلدى. Photo RFA/Erkin Tarim

تۈركىيىدە يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان سايلام بىلەن پارلامېنتقا كىرگەن يېڭى پارلامېنت ئەزالىرى رەسمىي خىزمەت باشلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ يېڭى پارلامېنت ئەزالىرىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغا بولغان ئارزۇ - تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

8-ئاينىڭ 27-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۈركىيە ۋەكىللىرىدىن ھايرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئابدۇللاھ تۇرسۇن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى خادىملىرىدىن ئابدۇللاھ فادىھ قاتارلىق كىشىلەر پارلامېنتتا 70 ئەزاسى بولغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت شاندىر ئەپەندىنى ئۇنىڭ پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.

زىيارەت ناھايىتى دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى، ئۇيغۇر ھەيئىتى پارلامېنت ئەزاسى مەمەت شاندىر ئەپەندىگە كۆك بايراق ژورنىلى بىلەن ئۇيغۇر دوپپىسى سوۋغا قىلدى. 45 مىنۇتقا يېقىن داۋام قىلغان سۆھبەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن تەپتىشى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئىزھار قىلدى. مەھمەت شاندىر ئەپەندى بولسا تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.