تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىش مەسىلىسى جىددى تالاش - تارتىش قىلىنماقتا

ئالدىمىزدىكى ھەپتە، ياۋرۇپا بىرلىكى تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ برۇسېلدا ئىچىلىدىغان بۇ يىغىنىدا تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىش مەسىلىسى، يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈن تەرتىپى بولۇپ، تۈركىيىنى ياۋرۇپا بىرلىكىگە قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋرۇپا بىرلىكى ئىچىدە ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىش كېلىپ چىققانغا ئوخشاش، تۈركىيىنى ياۋرۇپا بىرلىكىگە قوبۇل قىلىش مەسىلىسىمۇ ياۋرۇپا بىرلىكىنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىۋىتەمدۇ؟ دىگەن قاراشلار ئانالىزچىلارنىڭ دققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلەرگە ئايلانماقتا.

تۈركىيە قوللاشقا ئېرىشىۋاتىدۇ

سەيشەنبە كۈنى، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى توني بېلەيېر لوندوندا گېرمانىيە باش مىنىستىرى شۇرېدېر ۋە ئىتالىيە باش مىنىستىرى سېلۋىيو بارلىسكوۋىلار بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە مەسىلىسى ئۈستىدە ئورتاق مەيدانىنى بىلدۈرۈشتى. يۇقىرىقى ئۈچ دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ياۋرۇپا بىرلىكى ئىچىدە تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىشىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرگەن ھەمدە دەرھال ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تۈركىيىنى ياۋرۇپا بىرلىكىگە قوبۇل قىلىش سۆھبىتىنى ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، تۈركىيىنى ياۋرۇپا بىرلىكىگە قوبۇل قىلىش مەسىلىسى 10 يىلدىن 15 يىلغىچە سوزۇلىشى مۇمكىن. ئەگەر ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تۈرلۈك ئۆلچەملىرىگە تۈركىيىنىڭ شەرتى تولۇق توشسا، سۆھبەت ئاياقلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە رەسمىي يوسۇندا ياۋرۇپا بىركىدىكى بىر ئەزا دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار

دانىيىنىڭ باش ۋەزىرى لاس مۇسىننىڭ قارىشىچە، تۈركىيە مەيلى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، دىنىي ئېتىقادى ۋە شۇنىڭدەك ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتىن بولسۇن، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ئىراق ، سۈرىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە ياۋرۇپا بىرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە فرانسىيە پرېزىدېنتى شېراك تۈركىيىنى ياۋرۇپا بىرلىكىگە قوبۇل قىلىش تەرەپتارى بولسىمۇ، بىراق فرانسىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيىلەر تۈركىيىنى ياۋرۇپا بىرلىكىگە قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. دۈشەنبە كۈنى فرانسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بارنىنو تۇنجى قېتىم تۈركىيىدىن، ئۆتكەن ئەسىردە تۈركىيىنىڭ ئەرمەن خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئىرقچىلىق قىلمىشىلىرىنى ئىقرار قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بارنىنو يەنە: "بىز، تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە سانسىزلىغان ئەرمەنلەر ئۆلتۈرۈلگەن پاجىئەنى قوبۇل قىلىشىنى، چوڭ بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆتكەن ئەسىردە بولۇپ ئۆتكەن بۇ ۋەقەلەرنى مەسئۇليەتچانلىق بىلەن ئويلىنىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دىدى.

بۇ ئارىدا ئەنقەرە ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر ياۋرۇپا بىرلىكى تۈركىيىگە، تۈركىيە قوبۇل قىلالمايدىغان شەرتلەرنى قويسا، تۈركىيە ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىش ئىلتىماسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ دىگەن تەھدىتنى ئوتتۇرىغا قويغان.

17 - دىكابىر كۈنى، ياۋرۇپا بىرلىكى تۈركىيەنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە كىرىش مەسىلىسى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرىدۇ ۋە ئارقىدىنلا ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن تۈركىيە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۆھبەتتىن كېيىن تۈركىيىنى ياۋرۇپا بىرلىكىگە قوبۇل قىلىش ۋە ياكى قىلماسلىق ھەققىدە قارار چىقىرىدۇ.

15 - دىكابىر كۈنى ياۋرۇپا پارلامېنتى تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرىش مەسىلىسىنى كىچىكمەستىن مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى تەۋىسىيىنى ئاۋازغا سالدى . نەتىجىدە 262 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن سۆھبەتنى باشلاش تەۋسىيە قارارى ئېلىندى . ( ئەقىدە)