تۈركىيىدە يايلاق فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
2007.05.29
تۈركىيىنىڭ ئىغدىر ۋىلايىتىدە ئاغرى تېغى كورخان يايلىقى فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. 25-ۋە 26-ماي كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ فېستىۋالغا، تۈركىيەدىكى داڭلىق سەنئەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجان، تاجىكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن سەنئەتچىلەر تەكلىپ قىلىندى.
فېستىۋالدا، ئۇيغۇر سەنئەتكارلار

فېستىۋالغا، ئىستانبۇل ئۇسۇل مەكتىپىدە بولغان، ئۇيغۇر سەنئەتكار، گۈلزادە تانرىداغلى خانىم ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ئۇلار بۇ فېستىۋالغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشتى.
ئىغدىر ۋالىيلىقى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ فېستىۋالغا ئىغدىر ۋالىيسى ساففەت قاراھىسارلى، شەھەر باشلىقى نۇرەتتىن ئاراس، پارلامېنت ئەزاسى يۈجەل ئارتانتاش قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.
مەشھۇر ئاغرى تېغى

تۈركىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان مەشھۇر ئاغرى تېغى دېڭىز يۈزىدىن 5165 مېتىر ئىگىزلىكتە بولۇپ، بۇ تاغ ئىراننىڭ 16 كىلومېتىر غەربىدە، ئەرمىنىيەنىڭ 32 كىلومېتىر جەنۇبىدا يەر ئالىدۇ.
ئاغرى تېغى ۋولقانتاغ بولۇپ، چوققىسى قىش - ياز قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئاغرى تېغىنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ ئۇچرايدىغان ئۆتىدىغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ تاغنىڭ توپان بالاسى بولغاندا نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كېمىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىققان يېرى بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئاغرى تېغىنىڭ باشقا تىللاردا ئارارات تېغى، كۇھى نۇھ، كەبەل ئۈل ھارىس دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئاغرى تېغى ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بىر تاغدۇر. كورھان يايلىقى مانا بۇ ئاغرى تېغىنىڭ 2100 مېتىر ئىگىزلىكىگە جايلاشقان. بىز بۇ ئاغرى تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى كورھان يايلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدىن ئەتراپلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىغدىر ۋالىيسى ساففەت قاراھىسارلى ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
كېيىن، فېستىۋالغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىغدىرغا بارغان ئاسىيە بىزگە فېستىۋالنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىۋىتسىيىدە، ئۈمىد يۇلتۇزى ناملىق مەدەنىيەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇرلاردا پاكىزلىق مەدىنىيىتى
- ياركەنتتە: ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇكېرىم غەنىيېۋنىڭ ھاياتى ئەسلەندى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى تارىخىي مۇزېي
- "شىنجاڭ ناخشىلىرى" زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (2)
- " شىنجاڭ ناخشىلىرى" ئۇيغۇرلاردا زوق ئەمەس "ئوق" پەيدا قىلدى (1)
- ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە دولان مۇقامى پارىژدا
- ئۇيغۇر 12 مۇقام ئانسامبىلى تۈركىيىدە
- ئۇيغۇرلار مونتېئارالدىكى "دۇنيا خەلقلىرىنىڭ تويلىرى" فېستىۋالىدا
- ناخشا چولپىنى ئەركىن ئابدۇللا يېڭى ئالبۇمى ھەققىدە چىققان تالاش-تارتىشلار مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى
- ناخشىچى سۇلتان كېرىموف ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۈردى
- ئاتاقلىق ناخشىچى مۇرات ناسىروفنىڭ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى