تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە
2005.09.08
تۈركىيىدە نەشر قىلىنغان "دۇنيا كۈنتەرتىپى" ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، گۇئانتانامودىكى 15 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى 20 ئاي بۇرۇن ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقمىغاچقا ھازىرغىچە سولاقلىق تۇرغانلىقىنى، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە جاممەت پىكرى توپلاپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ھېسسىداشلىق قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم مەزكۇر گېزىتنىڭ باش ئوبزورچىسى جەۋدات ئاقچالى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
©
2005 Radio Free Asia